چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 5-ئاۋغۇست ھىندىستاندا ئىككى پويىز مەركىزىي ئۆلكىدە رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ 24 ئادەم قازا قىلغان، 300 دىن ئارتۇق ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى پويىز بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا رېلىستىن چىقىپ كەتكەن. ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 24 ئادەم قازا قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە بىر پويىز بومبايغا كېتىۋاتقاندا مادېيا ئۆلكىسىدە رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، يەنە بىر پويىز باشقا بىر جايغا ماڭغاندا رېلىستىن چىقىپ كەتكەن.
ۋەقە تۈن كېچىدە يۈز بەرگەن، نۇرغۇن ۋاگونلار رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ۋاگون لاي سۇغا چۆكۈپ كېتىپ، قۇتقۇزۇشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. گەرچە نۇرغۇن يولۇچىلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇش خادىملىرى يەنىلا قاپسىلىپ قالغان يولۇچىلارنى داۋاملىق ئىزدەۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە، 300 دىن ئارتۇق يولۇچى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved