گۇيلىن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور مياۋ بىڭكۈي 2014-يىلى 20-مارت ‹‹قار ئەجدىھاسى›› ناملىق پاراخوتتا مېتېئورىتنى كۆرسەتمەكتە
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاي جىنسلىرىدىن باشقا، مېتېئورىت ئىنسانلار ئېرىشكەن يەر شارى سىرتىدىن كەلگەن بىردىنبىر تاغ جىنسى ئەۋرىشكىسى بولۇپ، ئۇ ‹‹تاشقى پىلانېتادىن كەلگەن قىممەتلىك گۆھەر›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ 30-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا تەكشۈرۈش خادىملىرى 1300 گىرام ئېغىرلىقتىكى مېتېئورىتنى بايقىغان بولۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قىممەتلىك ۋېستا مېتېئورىتى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. گۇيلىن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارى ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىروفېسسور مياۋ بىڭكۈينىڭ شاڭخەي شەھىرى ساۋياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە بەرگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ 30-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋامىدا تەكشۈرۈش خادىملىرى جەنۇبىي قۇتۇپتىكى گروۋ تاغلىق رايونىدىن جەمئىي 583 پارچە مېتېئورىتنى بايقىغان. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، گۇيلىن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇنىڭ ئىچىدىكى 149 پارچە مېتېئورىتنىڭ تۈرىنى ئېنىقلاپ ئۇلارغا نام بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 1300 گىرام بولۇپ، خەلقئارا ئادەت بويىچە ئۇنىڭغا GRV13001 دەپ نومۇر قويۇلغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved