شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 10-يانۋار باشلاندى، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا جەم بولدى، ئۇلار گەرچە يىلدا بىر قېتىم بۇ يەردە كۆرۈشسىمۇ، بىراق، ھەر يىلى يەنە بىر كۆرۈشكەندە ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن ئىدى. يىغىن زالى سىرتىدا، ئەزالارنىڭ بەزىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، بەزىلىرى سۈرەتكە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇراتتى. ئۇلار بىردەك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تەكلىپنى ياخشى يېزىپ، خەلقنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇ كۈنى، قۇربانجان سەمەتمۇ شىنجاڭ خەلق سارىيىغا بالدۇرلا يېتىپ كەلگەنىدى، ئۇ قولىدىكى ماتېرىيالنى كۆرۈپ، بەزى مەزمۇنلارغا قولىدىكى قەلىمى بىلەن سىزىق سىزىپ قوياتتى.
بۇ ئىككى يىلدا، نۇرغۇن كىشى قۇربانجان سەمەتنى تونۇپ كەتتى، كىشىلەر ئۇنىڭ كىتابى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانىدى. 2014-يىلى ئۆكتەبىردە «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، 2015-يىلى مايدا، بۇ كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئامېرىكا كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئېلىپ بېرىلدى. قۇربانجان سەمەت ئۆزىنىڭ كىشىلەرگە ھەقىقىي شىنجاڭ ۋە شىنجاڭلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقىش خىيالىغا كەلگەنلىكىنى، بىراق، كىتابنىڭ بۇنچە تەسىر قوزغىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.
باشلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، قۇربانجان سەمەت تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ «فوكۇس نۇقتا»سىغا ئايلاندى، ئۇمۇ باشقا ئەزالاردەك ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي تەكلىپلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved