ئۈرۈمچىدىكى مەھەللە كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدا «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى يولغا قويۇلدى شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدا سىنتەبىردىن باشلاپ «قارا تىزىملىك» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمى قاتتىق ئىجىرا قىلىنىدىكەن. كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدا بىر يىل ئىچىدە بەش ۋە بەش قېتىمدىن ئارتۇق قائىدىگە خىلاپ قىلمىش بايقالسا دۇكان باشقۇرغۇچىسىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە شۇ دۇكان باشلىقى كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش 31-ئاۋغۇست 2015-يىلىدىكى نۇقتىلىق تەكلىپ لايىھەسىنى بېجىرىش مەخسۇس نازارەت قىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن ئەيسانىڭ تونۇشتۇرىشىچە، قارا تىزىملىك تۈزۈمى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى دۇكان باشقۇرغۇچىسىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن تىجارەت كارخانىلىرىنىڭمۇ بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدىكى تىجارەت كارخانا سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن. بۇ كارخانىلار ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرىدا بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالمايدىكەن.
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
![]() |
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2016-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، بۇ يىللىق مەملىكەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەت ئ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved