دۆلەت بايرىمى، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، سودا، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق سورۇنلار ۋە ئەتراپىدىكى يوللاردا ئادەم ۋە ماشىنىلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ قالىدۇ، 29 – سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى دۆلەت بايرىمى، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىنى ئېلان قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى يول بۆلەكلىرىدە يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. تەڭرىتاغ رايونى: جۇڭشەن يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى، جەنۇبىي تىنچلىق يولى، ئىتتىپاق يولى، شىمالىي شىنخۇا يولى، غالىبىيەت يولى، يەنئەن يولى، شىمالىي داۋان يولى ۋە چوڭ قۇۋۇق يول ئېغىزى، كىچىك قۇۋۇق يول ئېغىزى.
2. سايباغ رايونى: جەنۇبىي دوستلۇق يولى، چاڭجياڭ يولى، ساڭفاڭگۇ يولى، چىڭفېڭ يولى، ئالتاي يولى، شىسەن يولى ۋە قىزىلتاغ ئايلانما يولى.
3. يېڭى شەھەر رايونى: سۇجۇ يولى، خېنەن يولى، جەنۇبىي بېيجىڭ يولى، مېھمان كۈتۈش يولى، شىمالىي شەھەر غول لىنىيەسى، ۋۇۋۇ تاشيولى ۋە ئەنەنچۈ ناھىيەسى يېزا يولى.
4. بۇلاقتاغ رايونى: يىكەنكۆل يولى، قىزىلتاغ يولى، چىداۋان يولى، كۆرگەزمە يولى، شىنمىن يولى، قاراماي شەرقىي يولى ۋە سىنتاش (شىرىنگۇ) مەنزىرە رايونى، خۇالىن بازىرى ئەتراپى.
5. داۋانچىڭ رايونى: دۆلەت يولى 314 – لىنىيەسى ۋە ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى.
6. مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى: شىمالىي شەھەر غول لىنىيەسى، مىچۈەن – كۆكتاغ جەنۇبىي – شىمالىي يولى، سەنداۋبېي يولى، گۇمۇدى يولى، خاشيۇڭگۇ مەنزىرە رايونى ۋە دېھقانلار شادلىقى مەركەزلەشكەن رايون.
7. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول: ساي يولى قارلىغاچلىق يولى جەنۇبىي كۆۋرۈكى، خۇالىن كۆۋرۈكى، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يولى كۆۋرۈكى، سۇجۇ يولى كۆۋرۈكى، جەنۇبىي خېنەن يولى كۆۋرۈكى؛ شەرقىي ئايلانما يولىنىڭ بەش يۇلتۇز يولىدىن ئۆمۈچۈك تېغى تۇنىلىغىچە بولغان يول بۆلىكى، غەربىي ئايلانما يولىنىڭ يامالىق تېغى تۇنېلىدىن پويىز ئىستانسىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى.
8. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى: ئۈرۈمچى – شۇيشىگۇ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى – بەنفاڭگۇ لىنىيەسى، تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ۋە فاڭجياجۇاڭ قاتارلىق دېھقانلار شادلىقى مەركەزلەشكەن رايونلار.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved