ئىقتىسادىي مالىيە تورى 26 – دېكابىر خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، فېشىدكى بىر ئەر 10 نەچچە دانە ئالما تېلېفوننى ئوغىرلاپ ھەر بىرىنى 10 يۈەندىن ساتتى ، ئېرىشكەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى تورغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن . 12 –ئاينىڭ 14 – كۈنى فېشى ساقچى تەرەپ بايا جىنايەت گۇماندارى لى xxx نى قولغا ئالدى . كېيىن بىرلىكتە مالنى سېتىشقا مەسئۇل بولغان جاڭ xxx نى قولغا ئالدى . مۇخبىر فېشى ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ھازىر بۇ ئككى ئادەم قولغا ئېلىندى .
چوڭ ئىشكنى چېقىپ ئون نەچچە تېلېفوننى ئوغرلاش
11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ، فېيشى ناھىيىلىك بىر ئورۇن ئوغرىلاندى ، دۇكان ئىچىدىكى مەسئۇل كىشنىڭ ئېيتىشىچە دۇكاننىڭ چوڭ ئىشىكى چېقىۋېتىلگەن ، دۇكاننىڭ ئىچىدە نەچچە تېلېفون بىلەن يەنە بىر كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ئاپپاراتى ، نەچچە توك قاچىلىغۇچ قاتارلىق نەرسە ۋە بىخەتەرلىك ساندۇقىدىكى نەچچە مىڭ يۈەننى ئوغرىلانغان .ئېدى .
مەسئۇل رايونىدىكى ساقچى تەرەپ دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، تېزدىن بۇ ئورۇنغا يېقىن يەردىكى كۆزىتىش ئاپپاراتنى رەتلەشكە باشلىدى . ئەتگەن سەھەر سائەت 3 دىن ئاشقاندا بىر نەپەر ئەر قولىغا قۇرال ئېلىپ بۇ ئورۇننىڭ چوڭ ئىشىكىنى چىقىپ ئۇنىڭ ئىچگە كىرىپتۇ . ساقچى تەرەپ يېرىم ئايغا يېقىن ساقلاش ئارقىلىق بۇ ئەرگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىپ ئۇچى تاپالماپتۇ .
11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇ ئورۇندىكى خىزمەتچىلەر خىزمەتكە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئۇرۇننىڭ يەنە بىر قېتىم ئوغرىلانغانلىقىنى بايقىغان . ئۇسۇلى ئالدىنقى قېتىم بىلەن ئوخشاش ئىكەن . يۈتكەن نەرسىلەر يەنىلا بىر نەچچە تېلېفون بىلەن دۇكاندىكى بەزى ئېلىكتىرونلۇق سايماننى ئوغىرلىنىپتۇ . ساقچى تەرەپ كۆزەتكۈچى ئاپپارات ئارقىلىق بۇ قېتىمقى دېلو گۇماندارى بىلەن ئالدىنقى قېتىمقى دېلونى سادىر قىلغان كىشىنىڭ بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىغان .يېرىم ئاي ساقلاش ئارقىلىق ساقچى تەرەپ 12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى سەھەردە ساقچى تەرەپ بۇ ئورۇننىڭ ئالدىدا ، بۇ ئەرنى قولغا ئالدى .
ئالما تېلېفوننىڭ ھەر بىرسىنى 10 يۈەندىن ساتقان
قولغا چۈشكەندىن كېيىن ، لى xxx ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ياخشىلىق بىلەن تاپشۇردى . نەچچە كۈنىدىن كېيىن لى xxx ياردەملىشىپ زاڭ مالنى سېتىشقا ياردەملەشكەن جاڭ xxx قولغا ئېلىندى . لى xxx نىڭ تاپشۇرۇشىچە بۇ يىل يىلنىڭ بېشىدا ئۇ خېفىي سانائەت رايۇنىدىكى بىر شىركەتتە ئىشلەيدىكەن . چۈنكى مائاشى تۆۋەن بولغاچقا ، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا بەرگەن . ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ئۇ داۋاملىق تور خانىدا ئولتۇرىدىكەن .
لى xxx ئوغىرلاپ كەلگەن 11 دانە تېلېفون بىلەن بارلىق باشقا نەرسىلەرنى ھەر بىرسىنى 10 يۈەندىن جاڭ xxx كە سېتىپ بەرگەن . " مەن قىممەت سېتىپ قويسام ئۇ ئالمايدۇ ، ئۇمۇ قورقايدۇ ، لېكىن ماڭا ناھايىتى پۇل لازىم بولغاندىن كېيىن مەنمۇ مۇشۇ باھا بىلەن ئۇنىڭغا سېتىپ بەردىم " دېدى .
ھازىر جىنايەت گۇماندارى لى xxx جاڭ xxx لەر ئايرىم ئايرىم ھالدا ئوغىرىلىق جىنايىتى ، يوشۇرۇش جىنايىتى بىلەن قانۇنلۇق قولغا ئېلىندى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved