شىيامىن گىزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى سانىدا بىرىلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا مەزكۇر گىزىتنىڭ مۇخبىرى شىيامىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چىگىرىدن چىقىپ-كىرىشنى باشقۇرۇش تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH370 نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىغا چىققان يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇشتىن مەلۇم بولىشىچە شىيامىن ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىجىرىلگەن پاسپورت بىلەن چىگىرىدن چىققانلار يوقكەن. فۇجىيەن ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىجىرىلگەن پاسپورت بىلەن چىگىرىدن چىققانلاردىن ئىككىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنى فۇجۇ ج خ ئورگىنى بىجىرگەن، يەنە بىرىنى نىڭدې ج خ ئورگىنى بىجىرگەن بولۇپ، شىيامىن ساقچى تەرەپنىڭ بايقىشىچە فۇجۇ ج خ ئورگىنى بىجىرگەن پاسپورت نومۇرى بىلەن پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسمى ماس كەلمەيدىكەن. تاراتقۇ مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە مەزكۇر پاسپورتنىڭ ھەقىقى ئىگىسى ھازىرمۇ ئۆيىدە بولۇپ يېقىندا چىگىرىدن چىقىپ باقماپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved