خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئابې شىنزونىڭ ئامېرىكىدىكى نۇتقىنى تەنقىد قىلدى

ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ 29-ئاپرېل ئامېرىكا پارلامېنىتىدا قىلغان نۇتقىدا، تاجاۋۇزچىلىق تارىخى بىلەن ھەربىيلەرنى ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە ئەپۇ سورىمىغانلىقىتىن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ئابې شىنزونىڭ سۆزىنى بەس-بەستە تەنقىد قىلدى.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى 1-ماي مۇنداق دېدى: ئابې شىنزونىڭ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش دەۋردىكى تارىخىي مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى مەسئۇلىيتىگە بولغان پوزىتسىيەسى مۇجمەل بولۇپ، مەسئۇلىيەتتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە گېزىتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئوبزورچىسى روس 30-ئاپرېل ماقالىسىدا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئابې شىنزونىڭ نۇتقىدا قىلچىمۇ يېڭى مەنا يوق بولۇپ، مىلىتارىستلىق تۈسى قويۇق بولدى. ئابې شىنزو ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ئوقۇتۇش دەرسلىكىدىكى تارىخقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خاھىشىنى ئوڭشاش توغرىسىدا ۋەدە بەرمىدى. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ نۇتۇقتىن كىشىلەر ئۈمىدسىزلەندى.
رۇسىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇش تارىخشۇناسلىق جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسى كوشكىن مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ تارىخىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئاسىيا ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ دائىم ماقالە ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جىنايىتى ئۈستىدە قايتا ئويلاشمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئەگەر، ئابې شنزو 2-دۇنيا ئۇرۇش ئاخىرلاشقانلىقىغا 70 يىل بولغان مەزگىلدە، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك بۇ خىل پوزىتسىيىسى توغرىسىدا سۆز قىلسا، ئۇنداقدا ياپونىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى قىيىنغا توختايدۇ.



خەتكۈچلەر:
02-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
    ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 22-ماي ئىراندا ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىغان. ئىران ئانالىزچىلىرى: ھازىر ھىندىستاننىڭ ئىران ئىقتىسادىغا ئارىلىشىشىنىڭ ياخشى پەيتى، دې...
25-05-2016
   ئۇچۇر ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال قىلىشىچە، ئامېرىكىدا بىر دادا بەش بالىسىنىڭ چوڭ بولغاندا داڭلىق خۇسۇسىي مەكتەپ بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەقسىز ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ كېچىلىك ئىسمېنىسىدا 18 يىل ئىشلەيدىغان تازىلىقچىسى بولۇشقا ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     پەلەستىن زۇڭلىسى خامۇدارا شۇ جاي ۋاقتى 24- ماي ئىسرالىيە زۇڭلىسى نىتانىياخو ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تەرەپ بىۋاستە سۆزلىشىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى ئالبۇكۋېركۋې، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىشچىلار يىغىلىش مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتكۈل فرانسىيەدىكى %20 ماي قاچىلاش پونكىتىدا پۈتۈنلەي ماي يوق ياكى ماي يېتىشمەسلىك ھالىتى كۆرۈلگەن.  &nbs...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 50 مىڭ ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمىنى قىسىش سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. بىرنەچچە ئۆكت...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
25-05-2016
    جۇڭگو خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ24-كۈنى خانويدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ۋيېتنام كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى خانوي ۋاقتى 15:55 ئۆتكەند...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلان پارىژدىن ئۇچقان ۋاقىتتا تېخ...
Powered by Leglek