پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تۈنۈگۈن ئېچىلغان گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك مەكتەپ پۇتبولى تېلىزىيە تېلىفۇن يېغىنىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەممىسى ئۆزنىڭ پىكىرۋە تەكلىپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. يادرولۇق ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىكى يېغىندا مۇھىم پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى پۇتبولنى تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ چوقۇم ئۆتۈلىدىغان مەزمۇنى قىلىپ بەلگىلەش كېرەك. كېلەر يىلى 6000 نەپەر مەكتەپ پۇتبول تېرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.
يېغىندا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرىن مۇنداق دېدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول ئالاھىدىلىكى سەۋىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى باھالاش سۇپىسىغا كىرگۈزىمىز. ئەمەلىي خاتىرە يېزىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئورگانلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدۇ.ئاكتىپ ھالدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول كوماندىسى قۇرۇش ھالىتىنى كېڭەيتىمىز. ھەمدە مەكتەپ پۇتبولىنى مائارىپ نازارەتچىلىكىنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستىمىسىغا كىرگۈزىمىز.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى. پۇتبول مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش دەرسلىك سىستىمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ چوقۇم ئۆتۈلىدىغان مەزمۇنى قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى پۇتبول ئۈگۈنىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز. ھەمدە 2017-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 20 مىڭ ئەتراپىدا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول ئالاھىدىلىكى بر مەكتەپ ۋە 200 ئەتراپىدا يۇقىرى مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ھەمدە رايۇن ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن 30 ئەتراپىدا مەكتەپ پۇتبولى سىناق نۇقتا رايۇنى قۇرۇپ چىقىمىز.ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مەملىكەت مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى چارىسىگە ئاساسەن ، باشلانغۇچ مەكتەپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ قاتارلىق تۆت دەرىجىلىك مەكتەپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، پۇتبول يەنە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «دۆلەت تەربىيىلەش پىلانى» غا كىرگۈزۈلىدكەن. پىلان 2015-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە دەسلەپكى قەدەمدە 6000 نەپەر مەكتەپ پۇتبولى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەپ چىقىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved