بايلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئۈچ چارە

مەبلەغ سېلىش يوللىرى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، مەبلەغ سالغۇچىلار قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكىدەك پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ؟ روزغارچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: كۆچمە مەبلەغنى بانكىغا قەرەللىك ئامانەت قويغاندىن سىرت، يەنە بانكىنىڭ باشقا مەبلەغ سېلىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش بايلىقنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

قەرەللىك ئامانەتنى مۇۋاپىق گۇرۇپپىلاش

باشقۇرۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، مەبلەغ سالغۇچىلار پۇلنى بىرلا ھېساباتقا ئامانەت قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش روزغار باشقۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپ، ئوڭايلا زىيان كۆرۈلىدۇ. ئەگەر جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ،بانكا ئامانەت پۇلىنى ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، بىر ھېساباتقا ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. پۇلنى قەرەللىك ئامانەت قويغاندا، مۇۋاپىق گۇرۇپپىلاش يەنى 500 مىڭ يۈەننى ئامانەت قويۇشقا توغرا كەلسە، 50 مىڭ، 100 مىڭ، 150 مىڭ ۋە 200 مىڭ يۈەندىن ئامانەت قويۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا مۇددەتتىن بۇرۇن پۇل ئالماقچى بولسا، قانچىلىك ئېلىشتىن قەتئىينەزەر ئورۇنسىز زىيان بولمايدۇ.

ئۇقتۇرۇشلۇق ئامانەت پۇلنى تاللاش

مەبلەغ سالغۇچىنىڭ زور مىقداردا نەق پۇلى بولۇپ، دەرھال ئىشلىتىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، ئۇقتۇرۇشلۇق ئامانەت پۇلنى تاللىسا بولىدۇ. ئۇقتۇرۇشلۇق ئامانەت پۇل مۇددىتى بەلگىلەنمەيدىغان، پۇل ئالماقچى بولغاندا بانكىغا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سومما ۋە ۋاقىتنى بېكىتىش ئارقىلىق پۇل ئالىدىغان ھەم بۇ جەرياندا ئۆسۈمدىن بەھرىمەن بولىدىغان پۇل ئامانەت شەكلىدۇر. شەخسلەر ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانىتىدە ئامانەت مۇددىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا ئاساسەن، بىر كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدىغان ۋە يەتتە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدىغان، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بىر كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدىغان ئامانەت شەكلىدە چوقۇم بىر كۈن بۇرۇن ئالماقچى بولغان پۇل سوممىسىنى بانكىغا ئۇقتۇرۇش كېرەك، يەتتە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدىغان شەكلىدە ئالماقچى بولغان پۇل سوممىسىنى يەتتە كۈن بۇرۇن بانكىغا ئۇقتۇرۇش كېرەك. بىر كۈن بۇرۇن ۋە يەتتە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇلىدىغان ئامانەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئامانەت قويۇش ۋە ئامانەتنى ئېلىش سوممىسى بىردەك 50 مىڭ يۈەن بولىدۇ، پۈتۈن قويۇپ پارچە ئېلىشقا بولىدۇ، ئۆسۈمى دىرى بىلەن تەڭ نەقلىشىپ ماڭىدۇ.

ئۆزلۈكىدىن تەكرار ئامانەت قويۇلىدىغان شەكىلنى تاللاش

ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ قەرەلى توشقاندا ۋاقتىدا بانكىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرمىسە، قالدۇق قىسمى قەرەلسىز ئامانەت سۈپىتىدە داۋاملىق ئۆسۈمدىن بەھرىمەن بولىدۇ، نەتىجىدە مەلۇم مىقداردا ئۆسۈمدىن زىيان تارتىدۇ. بۇنداق ئورۇنسىز زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەبلەغ سالغۇچىلار دومىلىما شەكىلدە ئۆزلۈكىدىن تەكرار ئامانەت قويۇلىدىغان روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاللىسا بولىدۇ، بۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋالسا ياكى قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قەرەلى توشقاندىن كېيىنكى ئورۇنسىز ئۆسۈم زىيىنىدىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ بانكىغا قاتراپ تەكرار ئامانەت قويۇشتەك ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek