مۇخبىرنىڭ 4-فېۋرال خۇمدانلىق يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنىڭ ئەڭ بېسىق ۋاقتى 15-، 16، 17-فېۋرال كۈنلىرى بولۇپ، 2-باسقۇچلۇق بېسىق ۋاقتى 22-فېۋرالدىن 25-فېۋرالغىچە بولىدىكەن.
پانۇس بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە شىنجاڭغا كېلىدىغانلار ئالاھىدە كۆپ ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا خۇمدانلىق يولۇچى توشۇش بېكىتى ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنى ئالدىن 15 كۈن بۇرۇن سېتىشنى يولغا قويغان بولۇپ، 5-فېۋرالدىن باشلاپ چاغان ھارپىسى ۋە چاغاننىڭ 1-كۈنىدىكى ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىدە يولۇچىلار نىسبەتەن ئاز بولۇپ، بېلەتنى ئالدىن بەش كۈن بۇرۇن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، يولۇچىلار كۆپرەك بولغاندا بېلەت بىر ھەپتە بۇرۇن سېتىلىدىكەن.
يولۇچىلار بېلەتنى بېكەتتىن ئالدىن سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن زاكاز قىلسىمۇ بولىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستاننىڭ قوش موتورلۇق قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى يېڭى دېھلىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان.
|
![]() |
جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى ليۇ جىيەن فىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان ھاۋا يولىنى ئاچتى.
بېيجىڭ-قۇمۇل-تۇرپان ھاۋا يولى ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved