شى جىنپىڭ :تەيۋەن مۇستەقىللىقى ،بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى توسۇش ئىرادىمىز سۇسلاشمايدۇ

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

تۈنۈگۈن يەنى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ،باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سۇڭ چىيۇيى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى . شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ‹ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنىچ تەرەققىياتى ،ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تارىخى ئېقىمغا ماسلاشقان ئورتاق تاللىشى . بىز پەقەت ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدىيىسىنى چىقىش قىلىپ ،بىر -بىرىمىزگە ئىشىنىپ ،سەمىمى مۇئامىلىدە بولساقلا ،يېشىلمەيدىغان تۈگۈن يوق .، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق ›.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : ئىككى قىرغاق تىنىچ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولسا ، ئىككى قىرغاق خەۋپ خەتەرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدۇ . ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى نەچچە ئون يىللىق بوران چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ئومۇمىي يۈزلىنىشتە تەرەققىيات بولىۋاتىدۇ . بۇ تارىخى مۇقەررەرلىك ،تىنىچ تەرەققىيات ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ، ئىككى قىرغاق بۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇ ، ئورتاق مەنپەتلىنىدۇ ، بىزنىڭ ئىككى قىرغاق تىنىچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىمىز ۋە سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەمكارلىقى تەڭ مەنپەتلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تەدبىرلەردىن ۋاز كەچمەيمىز .

تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ، ئورتاق كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىمىز سۇسلىشىپ قالمايدۇ . تەيۋەن مۇستەقىللىقى ،بۆلگۈنچىلىكى ھەرىكىتىنى توسۇش ئىرادىمىز ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ ، بىز تەيۋەن جەمشىتنىڭ مۇقىم بولىشىنى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ،خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ،تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخىتلىك ،خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمىز ،. باش شۇ جى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى :‹ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنىچ تەرەققىياتىدا ،ۋەزىپە ئېغىر يول يىراق ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ .

قېرىنداشلار بىر -بىرىگە ئىشەنسە نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر ئاسانلا ھەل بولىدۇ ،بىز ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھە ،ھەر قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ ، يۈز تۇرانە ئالاقىلىشىپ ، سىردىشىپ ،چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،پىسخىك شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشكە پائال خىزمەت قىلىمىز .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنىچ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق ، داۋاملىق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش كېرەك .چوڭ قۇرۇقلۇق ئىسلاھات دائىرسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئىشىكنى سىرىتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى كېڭەيتىپ ،ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىي ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ ۋە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ . ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىشى ئىككى قىرغاقنىڭ تەڭ مەنپەتلىنىشىگە پايدىلىق ، ھەر قانداق چاغدا توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك .

بىز تەيۋەن خەلقىنى ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىمىز . ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،ئاجىز ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىمىز ،ھەمدە نۇرغۇن تەيۋەنلىكنى ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ئالاقە ھەمكارلىقىدىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز . شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى .: ئىككى قىرغاق ياشلىرىنىڭ زىممىسىگە ئىككى قىرغاق تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى چارىلەرنى ئويلاپ چىقىپ ،ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ ئۇلارغا كۆپ بېرىش كېلىش قىلىش ،پىكىرلىشىش ،ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تەرەققىياتىدىكى دەۋىر ئېقىمىنى ھېس قىلدۇرۇش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى ھېس قىلىش پۇرسىتى ھازىرلاپ ،كېيىنكى كۈنلەردە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا پۇرسەت بېرىش كېرەك .
كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ سۇڭ چىيۇيىنىڭ خەلىقپەرۋەرلەر پارتىيىسى بىلەن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،تارىخى خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ، خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىنىڭ بىر جۇڭگو مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ،تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ ،تەيۋەندىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن بىرگە ،ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنىچ تەرەققى قىلىش ۋەزىيىتىنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز ، سۇڭ چىيۇ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسى ئىككى قىرغاق بىر جۇڭگو دېگەن ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئېتىقادىمىز تەۋرىنىپ باقمىدى ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنىچ تەرەققىياتىدىكى توغرا نىشان يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ،سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ۋە قېرىنداشلارنىڭ قەلب رىشتىسىنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق غايە ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK 



خەتكۈچلەر:
09-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek