ئىراندا رافسانجانىنىڭ ئوغلى تۈرمە ۋە ئىقتىسادى جازاغا ئۇچرىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ ئوغلى، مەھدى ھاشىمى يولسۇزلۇق جىنايىتى سەۋەبلىك تۈرمە ۋە ئىقتىسادى جازاغا ئۇچرىدى.
ئىران سوت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دەلىللىشىچە، ئىران سوتى باياناتچىسى غۇلام ھۈسەيىن مۇھىسىنى، مەھدى ھاشىمىنىڭ يولسۇزلۇق جىنايىتى سەۋەبلىك قاراپ چىقىلغان داۋادا، تۈرمە جازاسى، پۇل ۋە خىزمەت قىلىشتىن چەكلىنىش جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇھسىنى، چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن تەپسىلاتلارنىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھاشىمىغا جىنايەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولغان «پارىخورلۇق، ئۆز ئالدىغا پۇل توپلاش، ئالدامچىلىق» قانۇنىنىڭ 2. 3 ۋە 5. ماددىلىرىغا ئاساسەن، يۇقارقى جازاغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى، مەھكىمە قارارىنىڭ نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن تەپسىلاتىنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مۇھسىنى، ھاشىمى ھەققىدە بېرىلگەن بۇ قارارغا قارىتا ئاقلاش يولىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، گۇماندار ۋە ئادۇۋكاتلىرىنىڭ قارار يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئەڭ كېچىككەندە 20 كۈن ئىچىدە ئىتىراز بىلدۈرۈش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقىنى، ئىتىراز بىلدۈرمىگەن ئەھۋالدا قارارنىڭ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھدى ھاشىمى ھەققىدىكى داۋا
ئىرانلىق خەلق ۋەكىلى ئەھمەد تەۋەككۇلى، مەجلىستە سۆز قلىپ 2-فېۋرالدا، «نورۋىگىيەلىك نىفىت شىركىتىنىڭ 2002-2003 يىللىرىدا جەنۇبى پارىس گاز مەيدانىنىڭ ھاۋالىسىنى ئۆتكۈزۈپ ئېلىش ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتىكى ئىران مىللىي نىفىت شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىدىن مەھدى ھاشىمىگە 5.2 مىليون دوللار پارا بەرگەنلىكىنى» ئېيتقان.
نورۋىگىيە نىفىت شىركىتى ستاتويىل تەرىپىدىن 2006-يىلى ئېلان قىلىغان باياناتتا، 2002-2003 يىللىرىدا ئىرانلىق بىر خادىمغا جەنۇبى پارىس گاز مەيدانىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېچىلغان ھاۋالىدە قولايلىق يارىتىلىىشى ئۈچۈن تۆلەم بەرگەنلىكى قۇبۇل قىلىنغان ئىدى.
شىركەت، مەھدى ھاشىمىغا 10 يىلدىن بۇيان جەمئىي 15.2 مىليون دوللار تۆلەم بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رافسانجانىنىڭ ئوغلى ھاشىمى بولسا بۇ داۋالارنىڭ «دادىسىنىڭ سىياسەتتىكى تەسىرىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكچى بولغانلار تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىققانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.
αβ



خەتكۈچلەر:
17-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek