يەرلىكتىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا
جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 11-ئىيۇن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كۇيتۇن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، 11-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:36 دە كۇيتۇن شەھىرى مېھمان كۈتۈش يولى بىلەن بېيجىڭ يولى كېسىشكەن جاينىڭ شىمالىغا 100 مېتىر كېلىدىغان جايدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان، توققۇز ئادەم يارىلانغان.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، 新G-62235 نومۇر تاختىسى ئېسىلغان سېمونت ئىلەشتۈرۈش ئاپتوموبىلى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېتىۋاتقاندا تورمۇز ئىشلىمەي، قارشى تەرەپتە قىزىل چىراغتا تۇرغان ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ بېسىۋەتكەن، بۇنىڭدىن باشقا، سەككىز توكسىكىلىت، بىر ۋېلىسپىت ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان، يارىدارلار بىڭتۇەن 7-شى دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈلگەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved