جاھان ئاگېنتلىقى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمىدا تالىبان قۇراللىقلىرى بىلەن ئەسەبى تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ISIS كە قەسەم بېرىپ قوشۇلغان مىلىتارىستلار توقۇنۇشتى، ئافغانىستان ئارمىيسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاز دىگەندە 27 نەپەر ئىكەن. ئافغانىستاننىڭ فەراخ ۋىلايىتىدىكى يەرلىك قۇراللىق بىر گۇرۇپپىنىڭ تالىبان تەشكىلاتى ئەزالىرىدىن ISIS تەشكىلاتى رەھبىرى ئەبۇ بەكىر بەغدادىغا قەسەم بېرىپ بەيئەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۆز ئارا توقۇنۇش باشلاندى.
ئافغانسىتان ئارمىيسىنىڭ فەراخ ۋىلايىتى قۇماندانى گېنىرال ئاسائۇللاھ كوھىستانىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتقان سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ISIS تەشكىلاتى تالىبان كونتروللىقىدىكى ھاكى ساففەد رايۇنىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ ھۇجۇمدا 15 نەپەر ISIS ئەزاسى ئۆلگەن، تالىبان تەرەپ 12 نەپەر ISIS ئەزاسىنى قولغا ئالغان. تالىبان تەرەپ قولغا ئالغان ISIS ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستانلىق بىر ئايالمۇ بار ئىكەن. بۇ توقۇنۇشتا تالىبان تەرەپتىن 12 نەپەر قۇراللىق ئۆلگەن.
گېنىرال كوھىستانى، ئافغانىستان ئارمىيىسىنىڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايۇنغا بېرىپ مۇداخىلە قىلىش-قىلماسلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى؛ « ئۇ يەر يىراق ۋە تاغلىق بىر رايۇن، ئۇ يەرگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھەم قىيىن. مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ھاۋا ساھەسىدە ياردەم تەلەپ قىلدۇق. تالىبانمۇ ھەم ISIS مۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز«.
ئافغانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ISIS تەشكىلاتى تالىبان كونتروللىقىدىكى رايۇنلاردا ئۆز سېپىگە ئەزا توپلاشقا ئۇرۇنغان بولغاچقا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش چىققان. ئۆتكەن ھەپتە تالىبان بىلەن ISIS ئارىسىدا نانگاھار رايۇنىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى، توقۇنۇشتا بىر نەپەر تالىبان قۇماندانى ئۆلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved