ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى سىناق قاتناش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئېلېكتىروۋۇزلارنى سۈرەتكە تارتماقتا
چاتقۇچ ئارقىلىق بىر-بىرىگە چېتىلغان ئېلېكتىروۋۇزلار
10-ئىيۇن ، شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ CRH5 ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كىرىپ ، سىناق قاتنىدى ، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بۇ ئېلېكتىروۋۇزلارغا ئولتۇرۇپ سىناپ باقتى .
CRH5 ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئېگىز ھەم سوغۇق رايونلاردىكى تۆمۈريوللاردا مېڭىشقا ماس كېلىدۇ .
شۇ كۈنى ، CRH5 ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى–پىچان ئارىلىقىدا جەمئىي ئۈچ قېتىم سىناق قاتنىدى ، بىرىنچى قېتىم بارغاندا سائەتلىك سۈرئىتى 180 كىلومېتىر ، قايتقاندا 200 كىلومېتىر ؛ ئىككىنچى قېتىم بارغاندا 200 كىلومېتىر ، قايتقاندا 220 كىلومېتىر ؛ ئۈچىنچى قېتىم بارغاندا 220 كىلومېتىر ، قايتقاندا 240 كىلومېتىر بولدى .
سائەتلىك سۈرئىتى 200 كىلومېتىرغا يەتكەندىمۇ ئولتۇرغانلارنىڭ بېشى قايمايدۇ
سائەت 9:12 دە ، ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسى رەسمىي قوزغالدى . سىلىقلىقىدىن ھەتتا قوزغالغانلىقىنىمۇ ئېنىق ھېس قىلغىلى بولمايدىغان ئېلېكتىروۋۇزنىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىتىلدى ، سىرتتىكى نەرسىلەر ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق ۋاگون ئىچى تىپتىنچ بولۇپ ، ئادەتتىكى پويىزلارنىڭكىدەك تەۋرىنىش تۇيغۇسى ھەم كۈچلۈك شاۋقۇن-سۈرەنمۇ يوق ، ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان چاي ئىستاكانىمۇ قويغان جايىدىن سىيرىلىپ كەتمىدى . مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، ‹‹ئىناقلىق ›› ناملىق بۇ ئېلېكتىروۋۇزلارغا ئاستا كۆرسىتىش ئەينىكى ئورنىتىلغان بولۇپ ، ۋاگون ئىچىدە ئولتۇرغان يولۇچىلار سىرتقا قارىسىمۇ بېشى قايمايدۇ .
ئېلېكتىروۋۇزدا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ
ئېلېكتىروۋۇزغا چىقىشتىن بۇرۇن ، خىزمەتچى خادىملار ئېلېكتىروۋۇزدا تاماكا چەكمەسلىكنى قايتا-قايتا تاپىلىدى . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، ئىلگىرى دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم بىر ئېلېكتىروۋۇزغا ئولتۇرغان بىر يولۇچى ئېلېكتىروۋۇز تازىلىق ئۆيىدە تاماكا چەككەن ، نازارەت ئۈسكۈنىسى ئاپتوماتىك ھالدا ئوت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان ، ئېلېكتىروۋۇزمۇ ئاپتوماتىك ھالدا جىددىي توختاپ قالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ئىناقلىق ›› ناملىق ئېلېكتىروۋۇزدا كارىۋاتلىق ئورۇن يوق بولۇپ ، پەقەت بىر كىشىلىك ۋە ئىككى كىشىلىك ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان . ئورۇنلار كەڭ ، ئازادە بولۇپ ، ئېھتىياجقا ئاساسەن يۆلەنچۈكىنى يانتۇ قىلىشقا بولىدىكەن .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved