رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى 2-دېكابىر كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ: « چاۋشيەن ئۆزىنىڭ ئەيدىز يوق دۆلەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئورگان گېزىتى «دېموكراتىك چاۋشيەن» 1-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ دۆلەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم يوقلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش سىستېمىسى ۋە خەلق سىياسىتىدىن بولغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ماقالىدە:«دۆلىتىمىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەھىيە نازارەت خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ» دېيىلگەن.
چاۋشيەن 1-دېكابىر پيوڭياڭ خەلق مەدەنىيەت سارىيىدا دۇنيا ئەيدىز كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، چاۋشيەن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ كادىرلىرى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ب د ت نىڭ چاۋشيەندە دائىمىي تۇرۇشلۇق ماسلاشتۇرغۇچىسى قوشۇمچە ب د ت ئېچىش-پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ چاۋشيەندە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، شۇنداقلا چەت ئەللەرنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved