ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى ئۈلۈشكۈن يىغىن ئېچىپ بۇركىنافاسو ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە شۇ كۈنى كەچتە قارار چىقىرىپ، بۇركىنافاسو ئارمىيە دائىرىلىرىدىن ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھاكىمىيەتنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنداق بولمايدىكەن جازالىنىدۇ دېدى.
يېقىندا 27 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بۇركىنافاسو زۇڭتۇڭى كومپاۋرېنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىمەكچى بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن،
بۇركىنافاسونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى پارتىلىدى، كومپاۋرې 31-ئۆكتەبىر مەجبۇرى تەخىتىن چۈشتى، بۇركىنافاسو ئارمىيە دائىرلىرى سابىق زۇڭتۇڭ مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى چىدانى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك دۆلەت باشلىقى دەپ جاكارلىدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئەيىبلىشى ۋە بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە سەۋەبچى بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved