يانفون يۈرۈشلۈك ئېقىمىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمىنى بىكار قىلماسلىق سىياسىتى يولغان قويۇلۇپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئېقىمنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ھالدا «ئوغرىلىقچە خوراش» ۋەقەسى كۆپ قېتىم كۆرۈلدى. نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرى تېلېفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاشتا ئايرىم ھالدا تېلېفون ئۇرۇش ۋاقتى ۋە قىسقا ئۇچۇر سانى بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ئىستېمالچىلار ئۆزى تەكشۈرەلەيدىكەن، بىراق ئېقىمنى قانداق تەكشۈرۈش قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا ئىكەن.
تور بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىر قىسىم زور مىقتاردىكى ئېقىمنىڭ «ئوغرىلىقچە خوراش» ۋەقەسىدىن باشقا، ئېقىمنىڭ نورمالسىز خورىشى ئەقلىيفونلارنىڭ ئورتاق كېسىلى بولۇپ، ھەركۈنى زور مىقتاردىكى ئېقىم ئابونتلار بىلمىگەن ھالەتتە خوراپ كېتىدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلار بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 40 مىليون يۈەننى ئارتۇق چىقىم قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved