ب د ت دۇنيادىكى ئەللەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى

      ئاۋستىرالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا «ئىنسانلار تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا دۇنيادىكى 188 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىي، مائارىپى ۋە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى قاتارلىقلارغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىلغان ۋە رەتكە تىزىپ چىقىلغان. بۇ رەت-تەرتىپتە ئاۋستىرالىيە شىمالىي ياۋروپادىكى نورۋېگىيەدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان.  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋستىرالىيەنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 0.935 نومۇر بولغان بولۇپ، تولۇق نومۇر بىر نومۇر قىلىپ بېكىتىلگەن. رەت-تەرتىپىدە نورۋېگىيە 1-ئورۇندا، شىۋىتسارىيە 3-ئورۇندا تۇرغان.

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانلار تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئۈچ تۈرلۈك ئەڭ ئاساسىي تەرەققىيات ئامىلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۆلچىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئامىل ئايرىم-ئايرىم شۇ دۆلەت كىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش دەرىجىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.

    دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئاۋستىرالىيىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 82.5 ياش، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتى 13 يىل، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن يىللىق كىرىمى 58 مىڭ 618 ئاۋستىرالىيە دوللىرى بولغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئاۋستىرالىيە ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىدىن تۆت ياش يۇقىرى بولغان بولۇپ، مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتىمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولغان. لىكىن ئاۋستىرالىيە ئەرلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 70 مىڭ 620 ئاۋستىرالىيە دوللىرى بولغان، ئاياللارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بولسا ئارانلا 46 مىڭ 727 ئاۋستىرالىيە دوللىرى بولغان.

     ئاۋستىرالىيەگە سېلىشتۇرغاندا، 1-ئورۇندا تۇرغان نورۋېگىيەدە كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 81.6 ياش بولۇپ ئاۋستىرالىيىدىن سەل تۆۋەن تۇرغان، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ۋاقتىمۇ 12.6 ياش بولۇپ ئاۋستىرالىيەدىن سەل تۆۋەن بولغان، لېكىن نورۋېگىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىمى 64 مىڭ 992 ئامېرىكا دوللىرى (90مىڭ 148 ئاۋستىرالىيە دوللىرى) بولغان.

    دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئاۋستىرالىيەنىڭ ئىنسانلار تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 1990-يىلىدىن بۇيان مۇقىم قەدەمدە ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2014-يىلىغا قەدەر جەمئىي 0.32 نومۇر ئاشقان. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا قوشنا دۆلەت يېڭى زىنلاندىيەنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى 7-ئورۇندىن بۇ يىل 9-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ يىللىق رەت-تەرتىپى 8-ئورۇندا، ئەنگلىيەنىڭ بولسا 14-ئورۇندا تۇرۇپ شىۋىتسىيە بىلەن بىر قاتارغا تىزىلغان.

    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان كومىتىتىنىڭ مەسئۇلى كېلارك مۇنداق دېگەن: «بۇ يىللىق ئىنسانلار تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى پۈتۈن دۇنياغا بىر جەڭ ئېلان قىلىش بولدى، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قانداق قىلىپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قانداق قىلىپ ئۇلانىڭ مۇقىم خىزمەتكە ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. بىزنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىمىز تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، مەسىلە دەل بىزنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئۆزگىرىشكە ياخشى ماسلىشالىشىمىزدا بولۇپ قالدى.»



خەتكۈچلەر:
19-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
    فىرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئەمگەك نازارەتچىلىك ئىدارىسى شۇ يەر ۋاقتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى مۇنداق دېگەن: 2013- يىلىدىن بۇيان، بىرازىلىيەدىكى ئولىمپىك ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاۋىستىرىيە ۋىنا، شۇ كۈنى نامايشىچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا قەغەز يەشىكلەرنى <چېگرا> غا سىمۋول قىلىپ دۆۋىلەپ قويۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆچمەنلەرنى قىسقارتىش سىياسىتىگە قارشى ئېتىرا...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىرازىلىيە پايتەختى بىرازىلىيە، 21 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان كومېتىت بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىدا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسسېفنى ئەرز قىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلىدى.
26-04-2016
    ياپونىيە بىلەن رۇسىيە يېقىندا دىپلوماتىيە قاتلىمىدا باش ۋەزىر ئابې شىنزونىڭ 5-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. توكيونىڭ «دۇنيا مىقياسى دىپلوماتىيەسى» بىلەن موسكۋانىڭ «شەرققە قاراش دىپلوم...
26-04-2016
    شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسىنىڭ سودا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەنگلىيە مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىۋېيتسارىيە Ruixun بانكىسى ئەنگلىيە پۇل- مۇئامىلە نازارەت ئىدارىسى FCA...
26-04-2016
    جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى خاس ئەلچىسى شيې شياۋيەن 21–ئاپرېل سۈرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە سۈرىيە زۇڭتۇڭىنىڭ سىياسىي، ئاخبارات مەسلىھەتچىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن. ئىككى تەر...
26-04-2016
   ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرى كارتېر 18–ئاپرېل ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا 200 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ۋە بىر نەچچە «ئاپاچ» ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كارتېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ...
26-04-2016
    روسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ 25- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاناتولى ئانتۇنوف روسىيە-24 تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە ئاسىيا-...
26-04-2016
    4-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدىكى مالبېك مېترو بېكىتىنى زىيارەت قىلغان. شۇ كۈنى، ئالدىنقى ئايدا تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مالبېك مېترو بېكىتى قايتا ئېچىۋېتىلگەن. بۇ...
26-04-2016
    يېقىندا داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى جەيسىن سىتاسام ۋە تەنناز چولپان جېسسىكا ئالبا باش رول ئالغان فىلىم «مېخانىك2: تىرىلىش»نىڭ تۇنجى فىلىم سۈرىتى ئېلان قىلىندى. بۇ فىلىمدە يەنە كىنو چولپىنى ياڭ زىچيوڭ، تومى لىجونىس ...
Powered by Leglek