پەرزەنتىڭىزنى ھەرگىز «دۆت، ئەخمەق» دەپ تىللىماڭ؛
پەرزەنتىڭىزگە ياخشى كۆرىدىغان ساھەدىكى داڭلىق شەخس ياكى كەسىپ ئەھلىلىرىنى دائىم تونۇشتۇرۇپ تۇرۇڭ.
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پەرزەنتىڭىزنى ئائىلە ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇڭ، بالىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىڭ.
پەرزەنتىڭىز ئۆزى قىلالمايمەن دېگەن ئىشنى بىرلىكتە قىلىڭ، پەرزەنتىڭىزگە ئۆزى ئويلىغاندىكىدىنمۇ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
ھەر ئايدا بىر خىل يېڭى شەيئىنى پەرزەنتىڭىزگە تونۇتۇڭ، قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنگىلى ۋە ماسلاشقىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىلارنى پەرزەنتىڭىز بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىڭ.
پەرزەنتىڭىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەرزەنتىڭىزنىمۇ ئۆزىڭىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەڭ.
قىيىنچىلىقلارنى پەرزەنتىڭىز بىلەن بىللە ئانالىز قىلىڭ، پەرزەنتىڭىزگە ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ تۇرىدىغانلىقىنى، قىيىچىلىقنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك قورقۇنچلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.
پەرزەنتىڭىزگە يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ ھەمدە ھەر قانداق ئادەمنىڭ قىلالمايدىغان ئىشلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved