شىۋىتسىيە 27-يانۋار سەككىز نەپەر مۇساپىرنى قوغلىۋېتىشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى 28-يانۋار 20 مىڭ نەپەر «لاياقەتسىز» مۇساپىرلارنى قوغلىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەكىسچە ئىزچىل مۇساپىرلارغا ئىشكىنى ئېچىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەمۇ 28-يانۋار مۇساپىرلار ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئائىلە يىغىلىشى ھوقۇقىنى ۋاقتىنچە ئىككى يىل توختىتىشنى قارار قىلدى.
گېرمانىيە «ئەينەك» ژۇرنىلى 29-يانۋار فىنلاندىيە ئالدىنقى يىلى 32 مىڭ نەپەر پاناھلىق تەلەپ قىلغان مۇساپىرنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىراقتىن كەلگەن دېدى. فىنلاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارى پىرىنسىپ جەھەتتە پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىچىدىكى تەخمىنەن 3\\2 قىسىمى چىگرادىن قوغلاندى دېگەن. شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى 27-يانۋار 80 مىڭ نەپەر پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچى مۇساپىرنى قوغلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياۋروپا كىشلىك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى 28-يانۋار ئىنكاس قايتۇرۇپ ياۋروپا كىشلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى مۇساپىرلارنى كوللىكتىپ قايتۇرۇشنى چەكلەيدۇ، ھەربىر نەپەر قايتۇرۇلغۇچىنىڭ ماتىرىيالى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved