ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، توردىكى ئانا كېنگۇرۇنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى رەسىمى كىشىلەرنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەن. كۆرۈنۈشتە، ئانا كېنگۇرۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ھالەتتە، ئۆز قوزىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغان ئىدى، دادا كېنگۇرۇ بولسا ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئانا كېنگۇرۇنى قۇچاقلىۋېلىپ، ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 11-يانۋار ئەتىگەن، ئېۋان ئاۋىستىرالىيە كۋېنسلاند شتاتىنىڭ فىرېزىر دەريا ئەتراپىدىكى ئىپتىدائىي ئورمان رايونىدا سەيلى قىلىۋاتقاندا، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشنى بايقاپ، سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا، دادا كېنگۇرۇنىڭ ئانا كېنگۇرۇنىڭ شۇنداق قۇچاقلىغىسى بار بولۇپ، بىراق كېيىن ئانا كېنگۇرۇ ئورنىدىن تۇرالمىغانلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن دادا كېنگۇرۇ ئۇنى ئاستىغىنە ئىتتىرىپ، يېنىدا تۇرغان، ھەمدە يېقىنلاشقان باش كېنگۇرۇلارنى ھەيدىۋېتىپ، كېنگۇرۇ بالىسى ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغان، پۈتۈن كۆرۈنۈش ئىنتايىن قايغۇلۇققا تولغان.
ئېۋاننىڭ دېيىشىچە، ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەركۈنى دېگۈدەك كۈچۈكىنى ئېلىپ ئۇ يەردە سەيلە قىلىدىغان بولۇپ، بىراق ئەزەلدىن بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ خىل كۆرۈنۈشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. ئۇمۇ بۇ كېنگۇرۇلارغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن، لېكىن بۇ كېنگۇرۇلار يارىلانمىغان بولۇپ، پۈتۈن كۆرۈنۈش كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك قايغۇلۇق ھالەتكە تولغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved