شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا « ئۈرۈمچى قاتناش تەرەققىياتنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ( 2014 - يىللىق ) » ئېلان قىلدى. شەھەر بويىچە ئاممىۋى قاتناش يولۇچى توشۇش مىقدارى 6مىليون ئادەم قېتىمغا يىتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن ٪ 100ئاشتى، ئاممىۋى قاتناشتا سەپەرگە چىقىش نىسبىتى % 35كە يەتتى.
ئاق تاشلىق كىتاب ئىچكى - تاشقى قاتناش، يول سىستېمىسى، ئاممىۋى قاتناش، مىنىبۇس، ماتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى، شەھەر يۈك تىرانسپورتى، ئاپتوموبىل توختىتىش، قاتناشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش مۇھىتى قاتارلىق 14تۈرلۈك يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقتى. مەزمۇن جەھەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىدىكى ئايرودروم قۇرلۇشى، شەھەر ئارا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى - سانجى رايونىنىڭ قاتنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، رېلىسلىق قاتناش ۋە تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تاكسى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر يولۇچىلار ترانسپورتى ئالمىشىش تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، قىسمەن رايونلارنىڭ ۋېلىسىپىتلىك سەپەر مۇھىت ئۆستۈرۈش، ئاممىۋى قاتناش بېلەت باھاسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپتوموبىل توختىتىش مەسىلىسى نۇقتىلىق رايونلاردا ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مىقدارى 820مىڭگە يەتكەن بۇلۇپ، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گاز شەھەرنىڭ قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىش سەۋەبىنىڭ بىرى. مۇھىت ئەھۋالى ۋە مەركىزىي رايونلاردىكى يول تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئاخىرقى نومۇرى بويىچە مېڭىشنى چەكلەش ۋە رايون بۆلەكلىرى بويىچە يۈرۈشنى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved