تۈركىيە پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، باش مىنىستىر ئەردوئان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلىنى ئۆز ئورنىغا يېڭى باش مىنىستىر ۋە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 27-ئاۋغۇست ئەنقەرەدە ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، بۇ پارتىيەنىڭ يېڭى رەئىسى ۋە يېڭى باش مىنىستىرىنى سايلايدىكەن.
تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتى 11-ئاۋغۇست: ئەڭ يېڭى ئىستاتېستىكا نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئەردوئاننىڭ 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ 12-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved