ياۋروپادىكى مۇتەخەسسسلەرنىڭ جۇڭگو تەسىراتى

سادا ئىسلام ھازىرغا قەدەر بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىل ئىلگىرى دادىسى جۇڭگوغا زىيارەتكە بېرىپ كېلىپ جۇڭگونىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىسىنى ئۇنۇتمايدۇ، ئۇ شۇ چاغدا دادىسى تەسۋىرلەپ بەرگەن جۇڭگودىكى زاۋۇتلار، ئىنتىزامغا رائىيە قىلىدىغان ئىشچىلار، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋەدىلىرى ھەققىدىكى ھىكايىنى بەك قېتىرقىنىپ ئاڭلىغان ئىدى.


نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن سادا ئىسلام ياۋروپا ئەقىل ئامبىرى ــ ياۋروپا دوستلۇقىنىڭ سىياسەت باشقۇرغۇچىسى بولدى، ئۇ شاڭخەيدىن ياڭجۇغا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ باققان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ باققان، جۇڭگو جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتلەردە ئۇ مۇخىبرغا: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدە، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە مەيلى كوڭزى ئىنىسىتىتوتى ۋە ياكى رەھبەرلەرنىڭ كيىم كېچىكىنىڭ خەلقئارانىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغاش جەھەتتە بولسۇن، جۇڭگو ئوبرازى ئىجابىي جەھەتتە تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان خاتا قارىشىنى تۈگىتىشكە پايدىلىق دېدى.

 


سادا ئىسلام مۇنداق دېدى: كوڭزى ئىنىستىتوتى قاتارلىق جۇڭگونىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى بارغانسېرى ياۋروپالىق ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ياۋروپالىق ياشلار يېڭى شەيئىلەرنى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر خەنزۇ تىلىغا بەك قىزىقىدۇ، يەنە جۇڭگوغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا يەنە ئۇنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىشتا خەلقئارادا ئومۇملاشقان مەدەنىيەت بىلەن جىپسىلىشىشى، ئالايلۇق مۇزىكا، تور ۋە كىنو قاتارلىقلار ئارقىلىق چەتئەلگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك.

 


ھازىر بىريوسسېل كوچىلىرىنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى تۈركىيە كاۋاپ دۇكانلىرىدا قارشى ئالىمىز دېگەن خەنزۇچە خەتنى كۆرۈۋالالايسىز، سادا ئىسلام گەرچە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياۋروپا ساياھەت بازىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسىمىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ئەمما جۇڭگولۇقلارنىڭ ياۋروپادا قۇرغان كارخانىلىرىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقىدى، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ياۋروپالىقلارغا ھەشەمەت بۇيۇمىنى كۆپ ئېلىشقا، موزىيلارنى كۆرۈشكە ئامراق، ئەمما يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمايدۇ دېگەن تەسىراتنى بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما ياۋرۇپاغا ساياھەتكە كېلىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ بارغانسېرى كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى.

 


سادا ئىسلامنىڭ جۇڭگونىڭ چەئەللەردىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا بولغان تەسىراتى چوڭقۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشتا مۇھىم رول ئوينىدى، دۇنيادىكى تەبئىي ئاپەت ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگونىڭ جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولغۇدەك تەجرىبىلىرى بار.


ياۋروپا خەلقئارا سىياسىي ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەيرىكسونننىڭ تەسىراتىمۇ خۇددى سادا ئىسلامغا ئوخشايدۇ، ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ: سىرتتىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسى تېز ئاشماقتا، بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرى چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى، غەرپ ئەللىرى جۇڭگونىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى ھۆرمەت قىلىدۇ.

 


تېخى يېقىندىلا جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ كەلگەن ئەيرىكسون مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت، تارىخ بايلىقى مول، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى پەقەت بۇلا ئەمەس، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ قانداق ئىجتىمائىي تۇرمۇش بەرپا قىلىش، خەلقئارادا قانداق رول ئوينىشىدا ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە چەتئەللىكلەر جۇڭگو مەدەنىيىتىدىن ھوزۇرلانسىمۇ ئەمما جۇڭگونىڭ يوقارقى ساھەگە بولغان قارىشى، چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس.

 


ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىرتقى ساھە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەمما جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات جۇڭگو بىلەن سىرتقى دۇنيانى بىر بىرىگە باغلىدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسى شەرقى شىمالىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مۇدىرى زابادىر جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: 1975-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ 2003-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ بىرى بىرىگە تېخىمۇ يېقىن تايىنىشىغا شاھىد بولدى، ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشىشىدە ئىككى تەرەپ« جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقى 2020-يىللىق ئىستراتېگيە پىلانى»نى ئورتاق تۈزدى، بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپادىكى 4 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتىتپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولۇپ، ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.



خەتكۈچلەر:
05-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek