ئەنگلىيەدە خىزمەتچىلەر ئەگەر تاماكا تاشلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا، غوجايىنلار تەستىقلاپ بېرىدىكەن. شىركەتلەر بۇ ئارقىلىق بەڭگىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا تاماكا چېكىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. ھۆكۈمەتمۇ كارخانىلارنىڭ بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇپ، بەڭگىلەرنىڭ تېزرەك تاماكا تاشلاپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئالاھىدە قوللايدىكەن. 2007-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئېنگلاند ۋە ۋېلش رايونىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئومۇميۈزلۈك تاماكا چەكلەش قارارىنى يولغا قويغان ھەمدە غوجايىنلارنىڭ تاماكا چېكىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا تاماكا تاشلاش داۋالىنىشىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇشنى، بۇنى باھانە قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ قارىشىچە، خىزمەتچىلەر تاماكا تاشلىغاندا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
ئەنگلىيە ساغلاملىق ئورنى 20 كىشىلىك بىر شىركەتنى مىسالغا ئالغان، ئەگەر شىركەتتە بەش ئادەم تاماكا چەكسە، ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلاش داۋالىنىشىغا تەخمىنەن 66 فوندستېرلىڭ (بىر فوندستېرلىڭ تەخمىنەن 9.9 يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) كېتىدىكەن، بىراق تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 350 فوندستېرلىڭ ئاشىدىكەن.
![]() |
ئۆزبېكىستان سەنئەت ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئۆچمەس يۇلتۇز شاھزادە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىلىك كونسېرتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى رەسىملەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved