خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.43 ئوقۇغۇچىنىڭ يوقاپ كېتىش دېلوسى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە قوزغالغان نارازىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مېكسىكا زۇڭتۇڭى يېقىندا ساقچى سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ جىنايەت سالمىقىنى ئازايتىپ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى زورايتىدىغانلىقىنى ھەققىدە قەسەم بەردى .
بۇ يىل 26- سېنتەبىر مىكسىكىدىكى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغاندا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى ،ئارقىدىن بۇ پائالىيەت زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئۆزگىرىپ ،ئالتە كىشى قازا قىلىپ 43 ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن .ھۆكۈمەت دوكلات ئېلان قىلىپ يەرلىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ بىرلىشىپ 43ئوقۇغۇچىنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقى ،ئۇلارنىڭ كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى مىكسىكىدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن يەنە بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك گورۇھىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى . بەزى دەلىل ئىسپاتلاردىن جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۋەتكەنلىكى ھەمدە جەسەتلەرنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى ئەخلەت ساندۇقى ۋە مىكسىكىنىڭ غەربىدىكى دەرياغا تاشلىۋەتكەنلىكى مەلۇم بولدى .
مەزكۇر دېلو ئاشكارلانغاندىن كېيىن مېكسىكا جەمئىيىتىدە ئېغىر غەۋغا كۆتۈرۈلدى .تا بۈگۈنگىچە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۈزۈلمىدى .زور جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئالدىدا مېكسىكا زۇڭتۇڭى شۇ يەر ۋاقتى 27- نويابىر مىكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتناشقاندا ئۆزىنىڭ پارلامېنتنىڭ يېڭى قانۇن لاھىيىسىنى ئورۇنلاشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھازىرقى قالايمىقان ساقچى سىستېمىسىنى ئىخچاملاپ ،تەشكىللىك جىنايەتكە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زەربە بېرىپ ،ئۇلارنىڭ باشقا يەرلىك ھۆكۈمەتكە سىڭىپ كىرىشىنى توسىدىغانلىقىنى شۇنداقلا يەنە زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى كونترول قىلىۋالغان مىكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايونلارغا قارىتا ئالاھىدە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يېپيېڭى ساقچى سىستېمىسىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىدىىن دېرەك بېرىدىكەن ،مەيلى سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن چوقۇم ئۈزۈل كېسىل ئۆزگەرتىدىكەن .ھازىر مىكسىكىدا 1800 دىن ئارتۇق ساقچى قىسىم بار بۇلۇپ ،بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى ئاجىز شۇڭا جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ئاسانلا سوقۇنۇپ كىرىۋالىدىكەن .بۇ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئورنىنى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئورگىنى ئالىدىكەن ،بۇ ئورگانلار تېخىمۇ كەسپى ۋە ئۈنۈملۈك ئىش قىلىدىكەن .
مېكسىكا زۇڭتۇڭى ھازىرغا قەدەر 60 نەچچە كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېلوسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ،ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .مىكسىكىنىڭ ساقچى بايلىقى تارقاق بۇلۇپ ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 شىتات فېدېراتسىيە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى مېكسىكا شەھىرى ۋە شۇنداقلا يۈز نەچچە شەھەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بار ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئىش بېجىرىدىغان بۇلۇپ ،مەشىقلەندۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس ،تەمىناتى ناچار ،شۇڭا جىنايەت گۇرۇھى .ئۇلارنى ئاسانلا سېتىۋالىدۇ ،مانا بۇ مەسىلىلەر چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئامېرىكا جۇڭگو ئەدەبىياتى خەۋىرىگە قارىغاندا، مېكسىكىدا ئىككى گۇرۇھنىڭ كەسپىي قاتىللىرى 5 – چىسلا ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدا يوقاپ كەتكەن 43 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 17 سىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان، ھايات قالغان ئوقۇغۇچىلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە شۇ جەسەتلەر ئىچىدە يېتىۋالغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى كەچتە، كيۇلېرو شىتاتى ئەيگۇارانا شەھىرىدىكى بىر نامرات رايوندا كەسپىي قاتىللار ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلار چىقىپ ماڭغان بىر چوڭ ئاپتوبۇسنى بۇلاپ كەتكەن.ئەيگۇالانا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ، بۇلاڭچىلار بىلەن كەسكىن ئېتىشقان، ساقچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاشۇ ئاپتوبۇسقا قارىتىپ ئوق چىقارغاندىن كېيىن، بۇ ئاپتوبۇس يوقاپ كەتكەن.ئىگىلىنىشىچە، شۇ يەردىكى بىر گۇرۇھ بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ۋەقەسىنى پىلانلىغان، ھەمدە ئالتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 25 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى، 43 ئادەمنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ 43 ئادەم دەل يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھېلىقى يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار. شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى،مىكسىكىدىكى چىپانسىنگودا،ئۇقۇتقۇچىلار يوقاپ كەتكەن 43 نەپەر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قەسىتكە ئۇچىرىغانلىق ۋەقەسىگە ئىتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت پارلامىنىت بىناسى ئالدىدىكى ماشنىلارغا ئوت قۇيۇپ،كۆيدۈرۈۋەتتى،نەن مەيداندا ئىس-تۈتەكلەر ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى.
.لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved