دىنىي زاتلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈردى

خېشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۇتقا قىلىپ ،ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ ،ئورتاق گۈللىنىشىدەك باش تېمىنى چىڭ تۇتۇپ ،مىللەتلەرنىڭ .ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈشى ،بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك› .شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە كادىرلار بەس -بەستە مۇنداق دېدى :‹باش شۇجىنىڭ ھاۋالىسىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ ،ئۆز ئەمەلىيتىمىزدە كۆرسىتىپ ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز ›.


شايار ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئىمىنجان مۇنداق دېدى :‹ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددى ھاياتىمىزنى قەدرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز لازىم ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ،ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ،دوست بۇلۇپ ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم ،


ئابدۇ رېقىپ داموللام 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلام دىنى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى ،باش شۇجىنىڭ سۆزىدە ،دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ قىلغان سۆزى ئۇنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹ باش شۇ جى مۇشۇنداق ياخشى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كوللېكتىپىنى تىلغا ئېلىپ ،ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلار بىلەن ئىش قۇيۇن تاش قۇيۇن بۇلىشى كېرەك دېدى ،مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ،باش شۇجى خىزمەتلىرىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردى ،مەن ئۆزۈمنىڭ لېكسىيە مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىغا ،شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنى ئىشلىرى ئەھۋالىغا قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن ›.


ھېيتىگاھ مەسچىتنىڭ ئىمامى ھاجى مەخسۇم ھاجى مۇنداق دېدى :‹ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا ، قەشقەرگە كېلىپ ئومۇمىي خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ،ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ،ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ نېگىزى كىشىلەرنى ئىتىپاقلىشىشقا چاقىرىپ ،ئەمىن تاپقان ،خاتىرجەم ياشاشنى مەقسەت قىلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ بىر ياخشى دىن ،بىز شۇنىڭ ئۈچۈن باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك دىنىي زاتلىق ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئېتىقادچى ئاممىلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ،ئۇلارنى ئىناق ئىتتىپاق ئۆتۈشىگە چاقىرىق قىلىمىز ۋە بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز ›.


ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغا خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكىلى ، شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشىقى ،باش شۇجىنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى .ئۇ چىگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ ،40 نەچچە يىل دوختۇرلۇق قىلغان .ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ ،يۈز نەچچە بىمارنىڭ ئۆت ئوپېراتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغان ئىدى . باش شۇ جىنىڭ گەپلىرىنى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ باش غوجى ئېيتقاندەك شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ،شىنجاڭدا نەچچە ئون يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا بۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ،ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ،ئاكا -ئۇكا ،ئاچا -سىڭىلدەك ئۆتۈۋاتىدۇ ،شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇختا ئاساسقا ئىگە ›.


بۇ يىل5- ئاي دەل شىنجاڭنىڭ 32-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى.خۇيزۇلارنىڭ ئەئەنىۋى گۈل ناخشىسىنىڭ ۋارىسى يى شىيۇ يىڭ ۋاقتى چىقسىلا ھەرقايسى مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەن ، ئەل ئىچى سەنئەت ئۆمەكتىكى ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويدى ،ئۇ مۇنداق دېدى :‹ بىز گۈل ناخشىسىنى ئېيتقاندا ،مەيداندىكى خەنزۇ ئۇيغۇر دوستلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ .تەڭ ناخشا ئېيتىپ ،تەڭ ئۇسۇل ئوينايمىز .يەنى تېخى مەشرەپكە چۈشىمىز ،ناھايىتى خوشال بولىمىز ›.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
04-05-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خېشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek