26–مارت ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى خېرمان ۋان رومپۇي (ئوتتۇرىدا) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بىلەن بىرگە بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى . شۇ كۈنى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ــ ئامېرىكا ئۇچرىشىشى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى .
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى 26–مارت بىريۇسسېلدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولسا ، ئىككى تەرەپ رۇسىيەگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش تەدبىرى قوللىنىدۇ .
ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى . ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رومپۇي ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىناغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشىگە قوشۇلۇشى رۇسىيەنىڭ ئاكتىپ بىر قەدىمى ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ھاگۋې يادرو بىخەتەرلىك ئۇچرىشىشىدا كۆرۈشۈشىمۇ مۇھىم ھالقىش ھېسابلىنىدۇ ، لېكىن رۇسىيە تەرەپنىڭ ھەرىكىتى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا رۇسىيەگە بولغان جازانى كۈچەيتىدۇ .
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئومابا تەكىتلەپ مۇنداق بىلدۈردى : ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرىم مەسىلىسىدە ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىدۇ . ئۇ مۇنداق دېدى : رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئىزدىشى ئۇلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى .
بۇ ئوبامانىڭ 2008–يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلىشى ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روسسېف سۆز قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved