گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل يولدىشى جوئاچىم ساۋئېر بىلەن ئىتالىيە ئىسچىيا ئارىلىدا دەم ئالدى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: گېرمانىيە ‹‹سۈرەتلەر گېزىتى›› نىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇزاق مۇددەت ئۇكرائىنا كىرىزىسى، گىرېتسىيە ئۇچرىشىشى ۋە گېرمانىيە قانىتى ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ ئاخىرى دەم ئالىدىغانغا ۋاقتى چىققان. نۆۋەتتە ئۇ يولدىشى بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئىسچىيا ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ دەم ئېلىۋېتىپتۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مېركېل ۋە ئۇنىڭ يولدىشى 15 يىلدىن بۇيان ئىسچىيا ئارىلىنى پاسخا بايرىمىدا دەم ئالىدىغان جاي قىلىپ تاللاپ كەلگەن، بۇ يىل ئۇلار ئارالدىكى تۆت يۇلتۇزلۇق بىر مېھمانخانىنى تاللىغان بولۇپ، كۈنلۈك ياتاق ھەققى 150 ياۋرو (تەخمىنەن 1015.73 خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مېركېلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە بىرلىكتە قۇرغان ئالاھىدە قىسىم مەسئۇل بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسلەر، ئالاھىدە خادىملار ۋە مەرگەنلەر بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved