14-دېكابىردىكى سۇس تۇمانلىق ھاۋارايىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلىدى . 15-، 16-دېكابىر كۈنلىرى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19- ئەتىراپىدا بولىدىكەن .
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 16-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق قار يېغىپ ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- بولىدىكەن .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى باشلىقىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن . ھاۋارايى ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ بەزىدە تەتۇر تېمپېراتۇرا ۋە قىسقا ۋاقىتىلىق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved