سىنگاپور خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 28-مارت مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، سىنگاپورنىڭ دۆلەت قۇرغان زۇڭلىسى-لى گۇاڭياۋغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك دەپنە مۇراسىمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سىنگاپور خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 29-مارت ۋاقىتلىق ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
سىنگاپور خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 28-مارت ئورگان تەرەپ تورىدا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، 29-مارت ئەتىگەن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گە قەدەر، سابىق زۇڭلى-لى گۇاڭياۋنىڭ جەسەت ساندۇقى ئېلىپ مېڭىلغان يول ئۈستىدە ئۇچۇشنى چەكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. دېڭىز يۈزىدىن 2000 ئىنگلىز مىلى تۆۋەن بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ رايونلاردا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىمۇ چەكلەنگەن.
3-ئاينىڭ 29-كۈنى، سىنگاپور ھۆكۈمىتى يېقىندا ئالەمدىن ئۆتكەن سابىق زۇڭلى-لى گۇاڭياۋغا دۆلەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئون نەچچە نەپەر چەتئەللىك دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىملىق دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ سىنگاپورنىڭ دۆلەت قۇرغان زۇڭلىسى-لى گۇاڭياۋ بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
خەۋەرگە قارىغاندا، سابىق زۇڭلى لى گۇاڭياۋنىڭ جەسىتى چۈش سائەت 12 يېرىمدا سىنگاپور پارلامېنت بىناسىدىن سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنىدىغان بولۇپ، جەسەت ساندۇقى يۆتكىلىش جەريانىدا كونا پارلامېنت بىناسى، ھۆكۈمەت بىناسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىكەن، جەسەت ساندۇقى سىنگاپور پارلامېنت بىناسىدىن سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنگۈچە جەمئىي 15.4 كىلومېتىر مۇساپىنى باسىدىغان بولۇپ، شۇ ئەتراپتىكى نۇرغۇن يوللار قامال قىلىنىدىكەن.
لى گۇاڭياۋنىڭ جەسەت ساندۇقى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چىملىققا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن 21 پاي ھۈرمەت توپى ئېتىلىدىكەن، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ۋەنلى جەسەت كۆيدۈرۈش مەيدانىغا ئاپىرىلىپ شۇ يەردە كۆيدۈرۈلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved