خۇپۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خۇپۇ تەنتەربىيىسى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى. « 1-ئاۋغۇست » ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ھەممە مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. كۇلۇب « 1-ئاۋغۇست » كوماندىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى جەم قىلدى. كوماندىنىڭ باش تېرىنىرى ئادىلجان كوماندىدىكى ياشتا چوڭ توپچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. ھەمدە ياش توپچىلارنىڭ گەرچە مۇسابىقە نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىۇ ۋاز كەچمەي ئاخىرغىچە تىرىشقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.
بۇ پەسىلدىكى جەمئىي 38 ئايلانما مۇسابىقىدە « 1-ئاۋغۇست » كوماندىسى 7 مەيدان ئۇتۇش 31 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىسى بىلەن 20 كوماندىنىڭ ئىچىدە 19-ئورۇنغا تىزىلدى. بۇ « 1-ئاۋغۇست » كوماندىسىنىڭ ئۇدا تۆت يىل پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدىن مەھرۇم بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ قېتىمقى يېغىلىشتا ئادىلجان يەنىلا توپچىلارغا ئۆزىنىڭ سەمىمىي تەشەككۈرىنى بىلدۈردى ۋە كوماندىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەزاسى ۋاڭ جىجىيې توغرىسىدا : مەيلى ئۇ چېكىنسۇن ياكى چېكىنمىسۇن مەڭگۈ « 1-ئاۋغۇست » كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، دېدى.
كوماندىغا يېڭىدىلغان قۇشۇلغان بىر توپچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئادىلجاننىڭ ئوغلى ئارسلانجان. كوماندىنىڭ باش تېرىنىرى ئادىلجاننىڭ ئوغلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئارسلانجان كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى پەسىللىك CBA نىڭ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدىن باشلاپلا كىشىلەرنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغانىدى. ئادىلجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : « ئارسلان كوماندىدىكى باشقا ياش توپچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا ئۇچرىدى. سىرتنىڭ نۇرغۇن شەكىلسىز بېسىمى بار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئارسلان بەزىدە بەك خارابلىشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن چىداپ كەلدى. ئۇ بەك ئىنتىلىشچان. ھەم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋاسكىتبولچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.» ئارسلانجاننىڭ دادىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئارسلانجانغا ياردەم بەرگەن ھەربىر توپچىغا رەھمەت ئېيتتى : « كونا توپچىلارنىڭ ئارسلاننىڭ ئەڭ قىيىن ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved