جۇڭگۇ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

↑↑↑ رەسىمدە: پېررىن ، 2018-يىلى روسىيەدە كۆرۈشەيلى! (2018-يىلى روسىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى دېمەكچى)

 

جۇڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.

 

جۇڭگۇ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى 11-ئايدا يېغىلىپ مەشىق قىلىدۇ ھەمدە ئايرىم ئايرىم يېڭى زىللاندىيە ۋە ھوندۇراس ئىككى دۆلەت كوماندىسى بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى پېررىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ يېڭى دۆلەت كوماندىسىنىڭ 23 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكىنى بېكىتتى. ئىلگىرى يېغىپ مەشىق قىلىش تىزىملىكىگە كىرگەن شۈ يۈنلوڭ بىلەن شاۋ جىيايى ھەر ئىككىسق بۇ 23 كىشىلىك تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغان. راۋ ۋېيخۇي تۇنجى قېتىم تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

 

پېررىن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆزى بېكىتكەن 41 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكنى ئېلان قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تىزىملىك ئىچىدە ئەڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى بولسا بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبىنىڭ ئىككى ئەزاسى يېشى چوڭىيىپ قالغان شۈ يۈنلوڭ بىلەن شاۋ جىيايى قايتىدىن دۆلەت كوماندىسىغا قايتقانىدى. بىراق بۇ ئىككى توپچى ئۆزلىرىنىڭ پۇرسەتنى ياش توپچىلارغا قالدۇرۇش ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى. بەلكىم توپچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈمىدى سەۋەبلىك پېررىن ئەڭ ئاخىرىدىكى 23 كىشىلىك تىزىملىككە بۇ ئىككى توپچىنى تاللىمىغان بولۇشى مۇمكىن.

 

بۇ قېتىمقى يېغىپ مەشىق قىلىش تىزىملىكىدە پېررىن 23 توپچىنى 7 كۇلۇب ئىچىدىن تاللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىدىن يەنىلا ئەڭ كۆپ بولۇپ جەمئىي 8 ئادەم بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبىدىن كەلگەن خاۋ جۈنمىن بىلەن گۇيجۇ رېنخې كۇلۇبىدىن كەلگەن راۋ جىياخۇي تۇنجى قېتىم پېررىن مەشقاۋۇللۇقىدىكى دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. بۇلۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزاسى خاۋ جۈنمىن يېقىندىن بېرى شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبىدا قايتىدىن ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا قايتىپ كەلدى. شۇڭا يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىگە كىرەلىدى.

 

جۇڭگۇ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ 23 كىشىلىك چوڭ تىزىملىكى:

 

زېڭ چېڭ ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

جاڭ لىنفەن ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

مېي فاڭ ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

گاۋ لىن ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

يۈ خەنچاۋ ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

فېڭ شىياۋتىڭ ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

لى شۆپېڭ ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

جېڭ جى ( گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى)

ۋۇ شى (جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى)

رېن خاڭ (جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى)

لىيۇ جىيەنيې (جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى)

سۈن كې (جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى)

ۋاڭ دالېي (شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبى)

خەن پېڭ (شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبى)

خاۋ جۈنمىن (شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبى)

ۋۇ لېي (شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى)

سەي خۇيكاڭ (شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى)

يەن جۈنلىڭ (شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى)

جاڭ چېڭدوڭ (بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى)

لېي تېڭلوڭ (بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى)

يۈ خەي (گۈيجۇ رېنخې كۇلۇبى)

راۋ جىياخۇي (گۈيجۇ رېنخې كۇلۇبى)

جىياڭ جىپېڭ (گۇاڭجۇ فۇلى كۇلۇبى)



خەتكۈچلەر:
04-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek