خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى دۈشەنبە كۈنى يەنە بىر قەدەم چۈشۈپ، يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھادا بازار يېپىلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، OPEC ئۆتكەن ھەپتە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ھازىرقى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى سەۋىيەسىدە ساقلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن ئىكەن. 7-دېكابىر، نيۇيورك سودا بىرژىسى (NYMEX) كېلەر يىلى 1-ئايدا تاپشۇرىدىغان غەربىي تېكساس يېنىك خام نېفىتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 2.33 دوللار چۈشۈپ، ھەر باكى 37.65 دوللاردا بازار يېپىلىپ، چۈشۈش نىسبىتى %5.8 بولغان ھەمدە 9-ئايدىن بۇيانقى يەككە كۈندىكى ئەڭ چوڭ چۈشۈش رېكورتىنى ياراتقان.
لوندون ICE ياۋروپا قەرەللىك مال بىرژىسى كېلەر يىلى 1-ئايدا تاپشۇرىدىغان شىمالىي دېڭىز برېنت خام نېفىتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 2.27 دوللار چۈشۈپ، 40.73 دوللاردا بازار يېپىلىپ، چۈشۈش نىسبىتى %5.3 بولغان.
ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، غەربىي تېكساس يېنىك خام نېفىتى ۋە شىمالىي دېڭىز برېنت خام نېفىتنىڭ باھاسى %4.2 ئەتراپىدا چۈشۈپ، 2009-يىلى 2-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved