تىڭشۈن خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمسى
3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كىيىن،گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كىچىياڭ مالايسىيا زوڭلىسى بىلەن تىلفۇندا جىددى كۆرۈشتى،لى كىچىياڭ مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى:بۈگۈن ئەتىگەن يۈتۈپ كەتكەن مالايسىيا ئاۋئاتسىيە شىركىتنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىدا154جۇڭگۇلۇق بار.جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئايرۇپلاندىكى جۇڭگۇلۇقلارغا ۋە بارلىق239يولۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ.بىز ئاللىقاچان قۇتقۇزۇش مىخانىزىمنى قوزغاتتۇق،ھەم مەخسۇس پاراخۇت ۋە دىڭىز ساخچىلىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك دېڭىز رايۇنلىرىنى ئىزدەشكە ئەۋەتتۇق،پۈتۈن كۈچمىز بىلەن ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلەيمىز.
لى كىچىياڭ مۇنداق دىدى:ۋاقىت دىمەك ھايات دىمەكتۇر.نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىپە بولسا،تىزدىن ئەھۋالنى ئېنىقلاش،ھەرخىل يوللار بىلەن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.ۋىيتنام ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈتۈپ كەتكەن ئايرۇپلاننى تېپىشى،قۇتقۇزۇشنىڭ ئالتۇندەك ۋاختىنى چىڭ تۇتۇشى كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى كىرەك.
مالايسىيە زۇڭلىسى ناجىپ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى ئايرۇپلان يۈتۈپ كىتىش ئىشىدا جۇڭگۇ تەرەپتىن ئەپۇ سۇرايدىغانلىقىنى ،جۇڭگۇلۇق يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى شۇنداقلا مۇناسىۋاتلىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ،ئايرۇپلاننىڭ ئورنىنى تېپىپ چىقدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved