فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، كابۇل، 21- دېكابىر خەۋىرى: تالىبانلار 21- دېكابىردىن باشلاپ ئافغانىستاندا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، كابۇل ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئامېرىكىنىڭ ئالتە ئەسكىرى قازا قىلدى. ئۇلار يەنە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن خېلماند ئۆلكىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن كەسكىن جەڭ قىلىۋاتىدۇ.
ش ئا ئە ت ئافغانىستاندىكى جەڭ ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرغىنىغا دەل بىر يىل بولغان ۋاقىتتا، تالىبان ش ئا ئە ت ۋە ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى باغرام ئەتراپىدا 21- دېكابىر يۈز بەرگەن «ئادەم بومبا» ھۇجۇمىدا ئالتە ئەسكىرى قازا قىلغان، ئىككىسى يارىلانغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ياللانغان ئافغانىستانلىق ئىكەن.
ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئافغانىستان قىسىملىرىغا قارىتىلغان توخۇ يۈرەكلەرچە ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز، بىز ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللايمىز».
ۋەقە يۈز بەرگەندە ئەسكەرلەر چارلاۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچى موتوسىكلىتتىكى بومبىنى پارتلاتقان. ۋەقەدىن كېيىن، تالىبان بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە ھۇجۇمدا 19 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى، دەپ كۆپتۈرۈپ سۆزلىگەن.
بۇ ش ئا ئە ت ئارمىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشى ئىكەن. بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ 13 مىڭ ئەسكىرى بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەتچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ، بەزىدە ئافغانىستان ئارمىيەسى بىلەن بىللە بازا ئەتراپىنى چارلايدۇ.
ئافغانىستاننىڭ 350 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي ساقچىسى بىر يىلدىن بۇيان ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسمىدىكى تالىبانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بازىسىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە تالىبانلارنىڭ شىمالىي تەرەپكە سىلجىۋاتقان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرمىسا بولمايتتى. مىسالەن ئېيتساق، تالىبانلار بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا تاجىكىستان چېگراسىغا يېقىن ئىستراتېگىيەلىك شەھەر قۇندۇزنى بېسىۋالغان، گەرچە ئۇلار بۇ شەھەرنى ئاران ئۈچ كۈن بېسىۋالغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يۈزىنى تۆكتى.
خېلماند ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەھۋال بەلكىم خېلماند ئۆلكىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بازا سەنگىندا قايتا تەكرارلىنىشى مۇمكىن». خېلماند ئۆلكىسى تالىبان باش كۆتۈرگەن جاي بولۇپ، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەپيۈن تېرىش ئەنئەنىسى بار. مۇھەممەد 20- دېكابىر يەنە مۇنداق دېگەن: «خېلماند ئۆلكىسى پات ئارىدا تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، دۈشمەنلەر سەنگىندا ساقچى ئىدارىسى، ھاكىم ئىشخانىسى ۋە ئاخبارات ئىشخانىسى قاتارلىق بىر قىسىم ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالدى، بىراق بىز جەڭنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز».
كابۇلدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت سەنگىنغا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەن. ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمىمۇ ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سەنگىنغا بارغان، بۇنىڭدىن سەنگىن ۋەزىيىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنى ئەنسىرىتىپ قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ش ئا ئە ت ئۈستىگە ئالغان ۋاقىتتا، ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئارمىيەسىمۇ ئىلگىرى سەنگىننى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كەسكىن جەڭ قىلغان.
ئافغانىستانلىق سىياسىي تەھلىلچى خالون مىرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تالىبان سەنگىننى بېسىۋالسا، بۇ يالغۇز ھەربىي ئىشلاردىكى غەلىبىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار بەلكىم «غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ ھالى شۇنچىلىك» دەپ جار سېلىشى مۇمكىنكەن.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تور بېكىتى، 21- دېكابىر خەۋىرى:
ئافغانىستاندا ھازىر 12 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەل ئەسكىرى بار، ئۇلار ش ئا ئە ت نىڭ ئەزا دۆلىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىغا ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved