شۇ يەر ۋاقتى 11-مارت گۋاتېمالا شەھىرىدە مۇخبىرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ ئىككى نەپەر مۇخبىرنىڭ ئىسمى لوپېز ۋە سالازار بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئەركىنلىك گېزىتى ۋە يېڭى دۇنيا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 10-مارت بۇ ئىككى مۇخبىر گۋاتېمالانىڭ جەنۇبىدىكى سان لورىنزو شەھەر مەركىزىدىكى بىر باغچىدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن .
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى مۇخبىر مەزكور شەھەرنىڭ سابىق شەھەر باشلىقىنىڭ ‹‹ مەۋجۇت بولمىغان قۇرۇلۇش ›› ئارقىلىق 2 مىليون 800 مىڭ كېتزال (گۋاتېمالا پۇل بىرلىكى، تەخمىنەن 350 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) پۇلغا خىيانەت قىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار توختىماي تەھدىتكە ئۇچراپ كەلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved