يۈ جىڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ جىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق رەھبەرلەر زىياپەتكە قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن ‹‹خەلق›› سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. يۈ جىڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ جىشەن، جاڭ گاۋلى زىياپەتكە قاتناشتى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى زىياپەتتە تەبرىك سۆزى قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 35 يىل ئىلگىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئالاقىسىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخى پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگولۇقلاردا ‹‹ئۇزۇن سەپەرگە چىققان ئادەم يېرىم يولدا توختىماس، چوڭ ئىشلارنى كۆزلىگەن ئادەم كىچىك ئىش بىلەن ھېسابلاشماس››، دېگەن گەپ بار. ئىككى تەرەپ كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىش بويىچە مۇقىم، مۇستەھكەم ھەم ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئوباما مۇنداق دېدى: 35 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بارلىقتىن كۆپىيىپ، جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. ھازىر ئىككى دۆلەت يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم ھەمراھ بولۇپ قالدى. ‹‹قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە››. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىللە يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
زىياپەتكە يەنە ۋاڭ خۇنىڭ، ليۇ يەندۇڭ، ۋاڭ ياڭ، فەن چاڭلۇڭ، لى جەنشۇ، جاڭ پىڭ، ياڭ جيېچى، خەن چىدې، دۇڭ جيەنخۇا قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved