سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېلنىڭ ئىستىپانامىسنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى .ئوباما ھازىر خاگېلنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاياغلاشتۇردىغان مۇۋاپىق پەيت ،ئۇ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ جەزملەشتۈرشىگە ئېرىشكۈچە داۋاملىق ئىشلەپ تۇرىدۇ دېدى .
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 24-نويابىر ئاق سارايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېلنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىگە سۇنغان ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوباما سۆزىدە خاگېلنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش، ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى ‹‹ئۈلگىلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى›› دەپ تەرىپلىگەن.
ئوبامانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر دەل خاگېلنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان مۇۋاپىق پەيت ئىكەن. خاگېل يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نامزاتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇشىدىن ئۆتكەنگە قەدەر داۋاملىق خىزمەتتە بولىدىكەن.بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن خاگېل ئىلگىرى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، شۇنداقلا ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان، 2013-يىلى فېۋرالدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.سىرتقى دۇنيادىكىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئەڭ دەسلەپ ‹‹ئىسلام دۆلىتى››گە زەربە بېرىش لايىھەسىنى تۈزگەندە، خاگېل بىلەن ئاق ساراينىڭ پىكىرى بىردەك بولمىغان، شۇڭا ئۇ ھازىر بېسىم تۈپەيلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىقتىكى سايلامدىن كېيىن كابىنېت ئەزالىرىنى تەڭشەيدىغان ئەنئەنىسى بار بولۇپ، خاگېلنىڭ ئىستېپا بېرىشى پەقەت ئاق ساراينىڭ ‹‹چوڭ قان ئالماشتۇرۇش››ىنىڭ باشلىنىشى ئىكەن.
خاگېل باشتا ئامېرىكا رادىكال تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش تاكتىكىىسىنى بېكىتكەندە ئاقساراي بىلەن پىكرى بىر يەردىن چىقماي ئامالسىز ئىستىپا بەرگەن .«نيۇيورك گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 24–نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېلدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى چاك خاگېل 1946 – يىل ئامېرىكا نېبراسكا شتاتىدا تۇغۇلغان، بۇرۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان. نېبراسكا شتاتلىق فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۇدا ئىككى قارار ئۆتىگەن.خاگېلنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناغا كىرىشى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان. 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 7– ئوباما ئۇنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقىغا تەيىنلىگەن. بىراق بۇ نامىنى ئاتاپ كۆرسىتىش ئۇسۇلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار خاگېل ئىران قاتارلىق ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇدىغان ئەللەرگە بەكمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە پوزىتسىيىسى بەكلا مۇلايىم دېيىشىپ كەتكەن ئىدى.
2013 – يىل 1 – ئايدا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئېلىپ بارغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، خاگېل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سەككىز سائەتكە سوزۇلغان كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، پوزىتسىيىسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى، گەپ سۆزلىرىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى جەھەتتە ئامېرىكا تارىخىدىكى «ئەڭ» لەر مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالغان.
2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، خاگېلنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇش تىرىشچانلىقى دۆلەت پارلامىنتىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. شۇ كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى توسقۇنلۇق قىلىش كېڭەش تەرتىپىنى ئىشقا سېلىپ، خاگېلنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇش ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كەينىگە سۆرىگەن. شۇ ئىش سەۋەبلىك خاگېل ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم كېچىكتۈرۈپ قارار چىقىرىلغان، نامزات دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ قالغان. شۇندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى خېلى كۆپ پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ ئوباماغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن خاگېلنى نامىنى ئاتاپ ۋەزىپىگە قويۇش ئىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئاقساراي بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.
2– ئاينىڭ 26 – كۈنى، ئامېرىكا پارلامىنتى ئاۋام پالاتاسى خاگېلنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىققا تەيىنلەش ئىشى توغرىسىدا بېلەت تاشلىغان، نەتىجىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بۇندىن بۇرۇنقى بەس مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسىگە چېكىت ئۇرۇپ، خاگېل ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇنى پاكىز تازىلىۋەتكەن. كېيىن دۆلەت پارلامىنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا، خاگېل 58 قوشۇلغان ئاۋاز، 41 قارشى ئاۋاز بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن. خاگېل 27 – نويابىر بەش بۇرجەك بىنادا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved