جاھان ئاگېنتلىقى 2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدە ھۇسىيلەرگە قارشى ھاۋا ھەرىكىتى قوزغىغان بىرلەشمە ئىتتىپاقتىن، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، ئەدەندىكى ۋەزىيەتنڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ، ھۇسىيلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان خەلق كومىتىتىغا قاراشلىق قۇراللىق كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەربىيلەنگەن جەڭچىلەر ئەمەسلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ھۇسىيلەرگە قارشى قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ياسىن؛ «ئەدەندە ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە رايۇن ھۇسىيلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى يۇقىرى. رايۇندا ھادىي ۋە ۋەتەنگە خىيانەت قىلغان بىر قىسىم ئارمىيە قۇماندانلىرى بار. شۇئاندا ھۇسىيلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەڭچىلەر كەسپى جەڭچىلەر ئەمەس، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك» دېدى.
ياسىن، ئەدەننى ھۇسىيلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەتىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبسىتان رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقنى ھۇسىيلەرگە قارشى جىددى ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى AFP گە سۆز قىلىپ، «شۇنداق مەن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىۋاتىمەن، چۈنكى بىر باسقۇچتىن كېيىن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۆز ئالدىغا تەسىرى بولماي قالىدۇ» دېدى.
ئىراننىڭ قوللىشىدىكى ھۇسىيلەرگە قارشى باشلانغان «كەسكىن قارار بورىنى» ھەرىكىتى ھازىرغا قەدەر پەقەت ھاۋا ھۇجۇمى ۋە دېڭىزدىن بومباردىمان قىلىش شەكلىدە داۋام قىلدى. بۇ ھەرىكەت باشلانغىلى بۈگۈن 7 كۈن بولدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ! ئىزدەش ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved