13-يانىۋار جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئايلانما مۇسابىقىسى 30-ئايلانمىدا سىچۇەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لياۋنىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىچۇەن كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى (ئىرانلىق) خەمىد ھەددادى (تۆۋەندە خەمىد دەپ ئېلىنىدۇ) بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسى ماھىرى لى شياۋشۈ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈر بەردى.
مۇسابىقىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى :
مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا چوڭ نومۇر پەرقىدە ئارقىدا قالغان سىچۇەن كوماندىسى ۋاقىتنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇمىنى مۇداپىئە قىلىشتىن ۋاز كەچكەن پەيىتتە لياۋنىڭ كوماندىسى ئەزاسى لى شياۋشۈ ئويلىمىغان يەردىن بىر ئۈچ نومۇرلۇق توپنى كىرگۈزگەن. ئادەتتىكى ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە بەرىبىر يېڭىلگەندىن كېيىن ئۈچ نومۇر كۆپ يېڭىلىش ھېچبىر ئىش ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن، بىراق تەنتەربىيە رىقابىتىدە كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدا بۇنداق ۋاقىتتا لى شياۋشۈنىڭ بۇ قىلمىشى قارشى تەرەپكە قىلغان ھاقارەت، شۇ تۈپەيلى سىچۇەن كوماندىسى چەتئەللىك توپچىسى خەمىد ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن غەزەپلىنىپ بىر مۇشت ئاتقان. ئاددىي مىسالغا ئالساق بوكس سەھنىسىدىكى ۋاقىت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېتىلگەن ئوغرىلىقچە زەربە، ئېلىشىشتا كەينىدىن ئوق چىقىرىشتەك ئەخلاقسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا NBA ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇم مەيدان مۇسابىقىسىدە چوڭ نومۇر پەرقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن تەرەپ مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا 30 سىكۇنت قالغان پەيتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئاياغلىشىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭغا كەينىدە قالغۇچى تەرەپمۇ، مۇسابىقە رەھبەرلەر سۇپىسىدىكى رەھبەرلەرمۇ قوشۇلغان، ھەمدە مۇسابىقە ۋاقتىنى مەقسەتلىك تېزلىتىپ ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئىناق كەيپىياتتا مۇسابىقىنى تاماملىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved