جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋاد تۈنۈگۈن: ئىران غەرب ئەللىرى ئىقتىسادىي جازانى بىكار قىلىشتىن ئاۋۋال خام نېفىت مەھسۇلاتىنى كۆپەيتمەيدۇ، دېدى.
غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى تۈپەيلىدىن، ئىراننىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىدىكى كۈندىلىك 4 مىليون 200 مىڭدىن باكتىن ھازىرقى 2 مىليون 800 مىڭ باكقا چۈشۈپ قالدى. 14-ئىيۇل، ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. سىرتتىكىلەر غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى يىل ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا بىكار قىلىنىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدى.
ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرى پىغانى يېقىندا مۇنداق دېدى: ئىران كەلگۈسى ئۈچ يىلدا خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە 4 مىليون 700 مىڭ باكقا كۆپەيتمەكچى، بۇ ھازىرقى كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىدىن 2 مىليون باكقا يېقىن كۆپ. ئىراننىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان خام نېفىتنى كۆپلەپ خەلقئارا بازارغا سېلىش كۆزلىمىسى خەلقئارانىڭ نېفىت باھاسىنى بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved