مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت توردا يەتكۈزۈش ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 5 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق تورداشنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق، مەشئەل يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە ئاساسەن 9-دېكابىر خوتەن شەھىرىگە يەتكۈزۈلدى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنىڭ باشلىنىشىغا يەنە 40 نەچچە كۈن قالدى، كۆپچىلىك دەرھال مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىرىدىن بولايلى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يەنە 43 كۈندىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.تېجەشلىك بىلەن مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتە توردا يەتكۈزۈش شەكلى قوللىنىلدى. بۇ يىل 8-ئاۋغۇست، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يىغىش ۋە يەتكۈزۈش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، قىشىلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى توردا كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى. يېقىنقى تۆت ئايدا، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى خاربىن، بېيجىڭ، نەنجىڭ، گۇاڭجۇ ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى 33 شەھەرنى بېسىپ ئۆتتى. مەملىكەت بويىچە 5 مىليون 300 مىڭ ئادەم مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشتى.
ئەتىدىن باشلاپ 2016- يىلى 20-يانۋارغىچە، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى شىنجاڭدا يەتكۈزۈلىدىكەن. شىنجاڭدىكىتورداشلار قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (http://qgssd.ts.cn/ ) ياكى تەڭرىتاغ تورى(http://www.ts.cn/ ) چىقىپ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.
كۆپچىلىك تور بېكەتتىكى مەشئەل يەتكۈزۈش ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مىكرو ژۇرنىلىنى ئېچىپ، يانفون نومۇرى كىرگۈزسىلا، مەشئەل يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سىز مىكرو ژۇرنالدىن ئۆزىڭىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىسىڭىز، دوستلىرىڭىزمۇ داۋاملىق مەشئەل يەتكۈزەلەيدۇ. توردا مەشئەل يەتكۈزۈش زور مىقداردا ئادەم كۈچى، ماددى كۈچنى تېجەپ قولايلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ قاتنىشىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى چۈشىنىشكە ئىگە قىلىدۇ.
مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016-يىلىك 20-يانۋاردىن 30- يانۋارغىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ياندۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل مۇنارى شىنجاڭدىكى مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە جىددىي ياسىلىۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved