خەلىق تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 13- كۈنى كانبېررادىن بەرگەن تېلگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا ، ئاۋېستىرالىيە دۆلەت خەزىنە مىنىستىرلىكنىڭ باشلىقى جورجى خوكىسنىڭ ئېيتىشىچە ، دۆلەت خام چوتىنى قىزىل رەقەمدىن قارا رەقەمگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كىرەك ئىكەن ، ھەمدە ئاۋېستىرالىيە كىشىلىرى خىزمەت قىلىپ 70 ياشقا كىرگەندە ئاندىن دەم ئېلىشقا چىقىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئاۋېستىرالىيە جەمئىيتىدە بىر قىسىم ھۆكىمەتنىڭ پاراۋانلىق سوممىسىنى ئازايتىۋەتكەنلىك توغرىسىدا گەپ سۆزلەر بار ئىكەن. بۇ مەسلىگە قارىتا ، جورجى خوكىس مۇنداق دىگەن ، 5- ئايدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان خام چوت ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر تۈردىكى كىشىلەر توپىغا قارتىلغان ئەمەس بۇلۇپ ، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك توھپىسىنى قوشۇشى كىرەك ، خام چوتنى قىزىل رەقەمدىن قارا رەقەمگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ، ھەرقانداق بىر شەخىس تۆھپە قوشۇشى كىرەك ، سىياسىيونلارمۇ تۆھپە قوشقۇچلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن .
دەم ئېلىشقا چىقىش تىلغا ئېلىنغاندا ، 48 ياشلىق جورجى خوكىس ، ئاۋېستىرالىيە كىشىلىرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىزمەت ۋاقتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ ئاندىن دەم ئېلىشقا چىقىشى كىرەكلىكىنى ئېيتقان . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئۇلار بىر ئەۋلات كىشىلىرى ئامالسىز داۋاملىق ھاياتىنىڭ سەككىزىنجى 10 يىلىغا قەدەر خىزمەت قىلىشى كىرەك ئىكەن.
ئالدىنقى ئىشچىلار پارتىيسى ھۆكمىتى قانۇن تۇرغۇزۇپ دەم ئېلىشقا چىقىش ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 65 ياشتىن 67 ياشقا ئۆزگەرتىكەن ، مەزكۇر قانۇن 2023 - يىلىدىن باشلاپ ئەملىلەشتۈرۈلمەكچى بولغان . خوكىسنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشتىكىلەر ئامالسىز يەنە 3 يىل ئارتۇق خىزمەت قىلىشى كىرەك ئىكەن . ئەمىليەتتە غەرىبتىكى كۆپلىگەن ئەنگىلىيەگە ئوخشاش تەرەققي تاپقان دۆلەتلەر ئاللىقاچان دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئويلىشىپ كەلگەن .
خوكىسنىڭ ئېيتىشىچە ، دەم ئېلىشقا چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش سىياسىتى يېقىندا دەم ئېلىشقا چىقىدىغان كىشىلىرىنىڭ خىزمەتكە چىقىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن ، ئەمما ئۆزى بىلەن بىر ئەۋلات كىشىلىرىنىڭ دەم ئېلشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر كۈرۈش يېشى ئاللىقاچان ئۇزارغان بۇلۇپ ، شۇڭلاشقا ئۇلار خىزمەت ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىپ تېخىمۇ كۆپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى يىغىشى كىرەككەن ، كۆپچىلىك ھەممىسى خىزمەت قىلماي نامرات دۆلەتكە بېسىم ئەكەلسە بولمايدىكەن .
ئۇ ئاۋېستىرالىيە كىشىلىرنىڭ كونا ئىدىيەنى قۇيۇپ ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىشىنى ، قانداق قىلغاندا دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ كۈنسىرى كۆپىيۋاتقان ياشانغانلارنى بېقىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇراجەت قىلغان .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved