12-ئاينىڭ 4-كۈنى CBA بىرلەشمىسنىڭ 13-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، جىياڭسۇ توڭشى ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كۈچلۈك گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. ئاخىردا گۇاڭدوڭ كوماندىسى 122-98 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. گۇاڭدوڭ كوماندىسى ئۇدا يەتتە ئايلانما مۇسابىقىدە غەلبە قىلدى. بۇ پەسىل باشلانغاندىن بۇيان 11 مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇردى. جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى بولسا: بەش مەيدان يېڭىپ، سەككىز مەيدان مەغلۇپ بولدى. بۇ مۇسابىقىدە گۇاڭدوڭ كوماندىسىدىكى داڭلىق ماھىر يى جىيەنلىيەن 20 نۇمۇر ۋە بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى. تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، ئۇ CBA كەسپىي ھاياتىدىكى 7000 نومۇرلۇق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتتى. بۇ مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى. توپ چۈشۈرۈش ئۈنۈمى %50 كە يەتتى. ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش ماھىرى جۇ فاڭيۈمۇ ياخشى ئوينىدى. بەش قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ تولۇق چۈشۈردى. ئۇ جەمىي 19 نومۇرغا ئېرىشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved