10-دېكابىر پولشانىڭ ئىككى سابىق رەھبىرى نۇرغۇن يىل ئىنكار قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ پولشادا مەخپىي تۈرمە تەسىس قىلىشىغا يولغا قويغانلىقىنى ئاخىرى ئىقرار قىلدى، ئەمما تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈشگە ئەزەلدىن يول قويماي كەلدۇق، دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقىغا ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلدى، لېكىن پولشا بىلەن قارا تۈرمە تەسىس قىلىش جەھەتتە ھەمكارلاشقانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئالىكساندىر كىۋاشنىۋىسكى، سابىق زۇڭلىسى رېشىك مىللېر 10-دېكابىر ۋارشاۋادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى مەھبۇسلارنى سولايدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.
گەرچە پولشا ھۆكۈمەت دائىرلىرى پولشادا قارا تۈرمە بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا قوشما شىتات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 2001-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى كۈزگىچە بولغان ئارىلىقتا پولشانىڭ ئوتتۇرا شىمالىدىكى بىر كەنتتىكى مەخپىي تۈرمىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلگىرى پولشادىكى قارا تۈرمىدە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى پىلانلىدىم دېگەن خالىد شېيخ مۇھەممەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز تېررورچى قامالغان.
پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئالىكساندىر كىۋاشنىۋىسكى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پولشادىن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان كىشىلەردىن ئۈنۈملۈك ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشقا قولايلىق جىمجىت سورۇن ھازىرلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا بىز قوشۇلغان، دۆلىتىمىزدە قامالغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا، ئۇلارغا ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئالىكساندىر كىۋاشنىۋىسكى، سابىق زۇڭلىسى رېشىك مىللېر ھەمدە ئەينى يىللىرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بۇ مەخپىي تۈرمىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئالىكساندىر كىۋاشنىۋىسكى يېقىندا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايمەن دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ ئىشلارنى ئەمدىلىكتە ئىقرار قىلغانلىقىنى ئاقلاپ: بۇ مەخپىي تۈرمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە ئامېرىكا بىلەن ئاخبارات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىزنىڭ بىر قىسمى دېگەن.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ئەينى چاغدا بۇ تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق. مەن مەھبۇسلارنىڭ بۇ تۈرمىدە خورلانغانلىقىنى 2006-يىلى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن بىلدىم. ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز 2003-يىلىنىڭ ئاخىرى توختىدى، چۈنكى مەن ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى بۇشقا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ مەخپىي تۈرمىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدىم.
پولشانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئالىكساندىر كىۋاشنىۋىسكى، سابىق زۇڭلىسى رېشىك مىللېر ئامېرىكىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلىغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ناۋادا ئامېرىكىنىڭ مۇھىم تارمىقى ئۆزلىرىنىڭ زۇڭتۇڭىنى ئالدىسا، ئىتتىپاقداشلار: بىز شېرىكىمىز ئامېرىكىغا قانداقمۇ ئىشىنىمىز، دېگەن سوئالنى سورىماي قالمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ بۇنداق دوكلاتنى ئېلان قىلىشى ئامېرىكىنى ئىتتىپاقداش بولۇش يۇشۇرۇن كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
ئامېرىكا ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتتا پولشا بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىدى. ئەمما مەھبۇسلارنىڭ ئىسمى، تۈرمىگە ئېپكېلىنگەن ۋاقىت ۋە پولشاغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بىلەن ماس كەلدى. ئامېرىكا ۋە پولشا ھۆكۈمەتلىرى دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوبامانىڭ 8-دېكابىر پولشا زۇڭتۇڭى ئېۋا كوپاچى بىلەن بۇ ئىش ھەققىدە تېلېفونلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. پولشانىڭ تەپتىش ئەمەلدارى 2008-يىلىدىن باشلاپ پولشادىكى قارا تۈرمىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. 9-دېكابىر كەچتە كراكوۋدا تەسىس قىلىنغان ئەرزىيەت سوتچىلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى: تەپتىش ئورگىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئامېرىكدىن بۇ دوكلاتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دېدى.
ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامىرون مۇنداق دېدى: مەھبۇسلارنى خورلاش ئىنتايىن خاتا، تېررورىزىمغا خورلاش ياكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ۋاستىسى بىلەن زەربە بېرىشكە بولمايدۇ، ناۋادا بىز ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى يۇقۇتۇپ قويىدىغان بولساق، تېررورزىمنى مەڭگۈ يېڭەلمەيمىز.
گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىنمېيىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش قىلمىشى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە قىممەت قارشىغا قاتتىق خىلاپ، بۇنداق قىلمىشلارنى چۇقۇم توسىشىمىز كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش داۋامىدا بۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا قىلمىش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved