«isis» تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچى كېڭىيىشكە باشلىدى

«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى، يېقىندا پاكىستاندىكى تالىپانلار «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى دەپ ئاتاپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


پاكىستاندىكى تالىپان ھەرىكىتى 4-ئۆكتەبىر ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە سۇرىيە بىلەن ئىراقتا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ قېرىنداش تەشكىلاتغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، پاكىستان تالىبانلىرى ئىراق بىلەن سۇرىيەدىكى غازاتچى قۇراللىق خادىملارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش ئۈچۈن، ھازىرغىچە مىڭدىن 1 مىڭ 500 گىچە جەڭچى ئەۋەتتى.


بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: پاكىستان تالىبانلىرى سۇرىيە بىلەن ئىراققا جەڭچى ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. بىراق، بۇ باياناتچى پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن رەسىمى ئىتتىپاق ئورناتقان ئورناتمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاكىستان تالىبانلىرى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى باشقا ئەسەبىي تەشكىلاتلار ئورتاق دۈشمەنگە يولۇققاندا ئىختىلاپلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.


بۇندىن ئىلگىرى، پاكىستان تالىبانلىرى بىر باياناتىدا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنى قېرىنداش دەپ ئاتاپ، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قىيىنچىلىقتا سەۋرچان بولۇپ، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بارلىق دۈشمەنلەر ئۆزلىرىنى قورشاۋ ئىچىگە ئالغاندا، ئۆز قوشۇنىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىنى مۇراجەت قىلغان ئىدى.


پاكىستان تالىپانلىرى بىلەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ رەسىمى بىرلەشكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پىشائور كوچىلىرىدا تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان. كۆپلىگەن سىياسىي تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» پۈتكۈل يەر شارىدا كېڭىيىپ، جەنۇبىي ئاسىيادا كېڭىيىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قولىنى پاكىستانغا سۇندى.


گەرچە پاكىستاندىكى تالىبانلار ئىتتىپاقلىقنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى بۇ قوراللىق كۈچنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق كۆرىشى بىلەن مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشى خېلى ئېغىر بولماقتا. داموللام فاسرۇ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلىپ چىققان بۆلگۈنچى گۇرۇھ 4-ئۆكتەبىر مۇستەقىل ھالدا ئەرەب تىلىدا بىر ۋىدېيونى ئېلان قىلىپ، بۇ گۇرۇھنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن بازا تەشكىلاتى ئوتتۇرسىدىكى ياراشتۇرغۇچى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يارىشىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئىلگىرى بازا تەشكىلاتى شۆبىسى بولۇپ، كۈچى زورايغاندىن كىيىن تەدرىجىي ھالدا ئەسكەرلىرىنى ئۆزى ئىشلىتىپ، بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى زاۋا ھىرىغا سادىق بولۇش توغرىسىدا قەسەم بېرىشنى رەت قىلغان. بازا تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.


بىراق، يېقىنقى بىر مەزگىلدە، بازا تەشكىلاتى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەيتۇن شېخى سۇندى. بازا تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى شۆبىسى بولغان ئەرەب يېرىم ئارىلى بازا تەشكىلاتى بىلەن شىمالىي ئافرىقا شۆبىسى بولغان ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتى 16-سېنتەبىر ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق بىلەن سۇرىيەدىكى قېرىنداشلىرىنى ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشنى توختىتىشىقا دەۋەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسەبىي كۇچلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن ئۇرۇش سېپى ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجەت قىلدى.



خەتكۈچلەر:
14-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار تەرەققىيات پىلانلاش ۋە سىتاتىستىكا مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. 2006-...
12-05-2016
      برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.       فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
12-05-2016
      كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 27- ماي ياپونىيەنىڭ خىرۇسىم ئارىلىغا زىيارەتكە بارىدىكەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورىيەدىكى كۆپلىگەن ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ئ...
12-05-2016
      ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ نېمۇرو يېرىم ئارىلىغا يېقىن دېڭىزدا 4.8 بال يەر تەۋرىگەن، بەختكە يارىشى بۇ قېتىمقى يەر تە...
12-05-2016
       5-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پيۇڭياڭدا يېپىلغان بولۇپ، يىغىندا كىم جۇڭئۇن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومېتىت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2-كۈنىدىن باشلاپ...
12-05-2016
     تۈركىيە ياۋرپا ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مىنىستىرى بوزكىر 5- ئاينىڭ 11- كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىكۇلتىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئەنقەرە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن...
12-05-2016
    ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدېن شۇ جاي ۋاقتى 11-ماي زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننىڭ پارتىيە ئىچىدە نامزاتلىققا ئېرىشىپ ھەمد...
12-05-2016
   5-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازا سىرتقى مەيدانىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد Ⅵ نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.    ...
12-05-2016
     دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ باياناتچىسى ۋىئوسەيېر 9-ماي: ئاز دېگەندىمۇ 110 دۆلەتنىڭ ۋەكىل ئەۋەتىپ مۇشۇ ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغا...
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
Powered by Leglek