سۇدان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سۇداندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسى 25-ئۆكتەبىر ھازىرقى زۇڭتۇڭ بەشىرنىڭ مەزكۇر پارتىيەنىڭ نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2015-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامغا قاتنىشىشنى تەستىقلىدى. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسى 25-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا يۇقىرىقى قارارنى چىقاردى.
يىغىنغا قاتناشقان ئالتە مىڭ ۋەكىل ئىچىدىن 4 مىڭ 606 ۋەكىل ئاۋاز بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىڭ 425 ۋەكىل قوللاپ ئاۋاز بەردى، يىغىندا شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەشىرنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۆتىشى قارار قىلىندى. بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن بەشىر 1993- يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سۇداننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ كەلمەكتە.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved